2020 - يىللىق مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتى ئېلان قىلىندى

日期:2020年02月06日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلاردۇڭ جۈن، خوۋ شۆجىڭ) شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 21 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيانقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان 17 - قېتىملىق مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن ئېلان قىلدى.

بۇ ھۆججەتنىڭ تېمىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى» بولۇپ، تولۇق تېكىستى جەمئىي بەش بۆلەككە بۆلۈنگەن، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا توغرىلىنىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش؛ مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش؛ يېزىلاردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش.

ھۆججەتتە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش تاماملىنىدىغان يىل. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارىدى: يۇقىرىقى ئىككى چوڭ نىشان - ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغاننى جەزمەن ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش كېرەك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى جەزمەن تولۇقلاش كېرەك.

ھۆججەتتە مۇنداق بېكىتىلدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى مۇقۇملاشتۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، يېزىلارنىڭ ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىككى چوڭ نىشان - ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يەنە بىر قىسىم ئەڭ ئاخىرقى قورغانلارنى جەزمەن ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش كېرەك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى يەنە بىر قىسىم گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى جەزمەن تولۇقلاش كېرەك. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقان، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تۇراقلاشتۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، سىياسەت - تەدبىرلەرنى جەزمەن تۈرمۇتۈر ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.