شى جىنپىڭ بىلەن كولومبىيە زۇڭتۇڭى دۇك ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

日期:2020年02月08日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كولومبىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى دۇك بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - كولومبىيە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ پائال ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. 2019 - يىلى 7 - ئايدا، دۇك زۇڭتۇڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز سەمىمىي، دوستانە پىكىر ئالماشتۇردۇق ھەم مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو - كولومبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق. مەن جۇڭگو - كولومبىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، دۇك زۇڭتۇڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - كولومبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىرىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

دۇك تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2019 - يىلى، مەن جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆپ تۈردە يېڭى ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە دوستانە ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق. مەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئارقىلىق كولومبىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن ھەم چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن كولومبىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، داۋاملىق رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى 40 يىللىق تەرەققىيات يول خەرىتىسىنى ياخشى پىلانلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.