دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىدى - قالدۇردى

日期:2020年02月08日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى - قالدۇردى:

بىرىنچى، شىڭ خەيمىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

چەي ۋېنرۇينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئىككىنچى، چيۇ گوخۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كورېيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

شىڭ خەيمىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كورېيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئۈچىنچى، خۇاڭ شىليەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىدىن، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

دېڭ شىجۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

تۆتىنچى، لى نيەنپىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

لەن خۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كولومىبيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.