شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى

قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئامما تىزگىنلەشنىڭ قاتتىق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش كېرەك

日期:2020年02月08日
来源:新疆日报
【字体:

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبىي يولى 777 - نومۇرلۇق قورۇ، بىشۈيۋەن ئولتۇراق رايونى، فۇكاڭ كوچىسى شىمالىي جىشۇن ئەخلەتلەرنى توشۇش پونكىتىدا مەھەللىلەرنىڭ تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى.

«كۈندە دېزىنفېكسىيەلەمسىلەر؟» «قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم قىلىسىلەر؟» شىنخۇا جەنۇبىي يولى 777 - نومۇرلۇق قورۇدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى قەرەللىك ھالدا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تۈرگە ئايرىپ تاشلاش نۇقتىسىدا، شۆھرەت زاكىر مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ، مىكروب يوقىتىش، تازىلاش ھەم مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ ئۆزى مۇداپىئە كۆرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاھالىلەر مۇلازىمەت - باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە پىسخىك ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش، ئەتراپلىق، ئىنچىكە كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشۋىق - تەربىيەسىنىڭ ئائىلىلەرگىچە، ئادەملەرگىچە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ توپلىشىۋالماسلىقى، يىغىلىۋالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى قەتئىي ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك.

بىشۈيۋەن ئولتۇراق رايونىنىڭ يېنىدىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا، خۇاڭگۇا، شوخلا، بەسەي، ياڭيۇ قاتارلىق كۆكتاتلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، تەمىنلەش يېتەرلىك ئىدى؛ ئالما، نەشپۈت، شياڭجياۋ قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ تۈرى مول ئىدى؛ ئاشلىق - ياغ رايونىدا ئۇن، گۈرۈچ، ياغ قاتارلىقلار سان جەھەتتە يېتەرلىك بولۇپلا قالماي، يەنە تاللاشقا بولىدىغان نۇرغۇن ئېسىل ماركىلىقلىرىدىنمۇ بار ئىدى. شۆھرەت زاكىر كۆكتات باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ كۆكتات باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن كۆڭۈل بۆلۈپ مۇنداق دېدى: كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاپاس ساقلاش ۋە تەمىنلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، «كۆك - تاق»نىڭ مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېھتىياج كۆپ بولغان ماللارنى دەل ۋاقتىدا تولۇقلاپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

جىشۇن شىمالىي ئەخلەت يۆتكەپ توشۇش پونكىتىدا، شۆھرەت زاكىر پۈتۈن شەھەردىكى ئەخلەتلەرنى دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا چوقۇم ئەخلەت تازىلاپ يۆتكەشتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قېلىپلاشقان تەلىپى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەت يۆتكەپ توشۇشنىڭ يۇقۇمنىڭ يېڭى تارقىلىش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھۆكۈمەت مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قوللاشقا، ماسلىشىشقا يېتەكلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ قاتتىق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، قىش پەسلىدىكى ئىسسىنىش، سۇ، توك، گاز ھەم سۇ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.