خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، زۆرۈر تېپىلغاندا ماسكا تارقىتىمىز

日期:2020年02月01日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بېيجىڭ ،1-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرسۈن شاۋلۇڭ): خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، زۆرۈر تېپىلغاندا ماسكا قاتارلىق شەخسىي قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇشنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ئاساسىي قاتلامدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملارنى تەشكىللەپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار قاتارلىق ياردەم بېرىش ئوبيېكتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭئائىلە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىگىلەپ، ئاساسىي تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ۋاقتىدا ياردەم بېرىشى كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان جايلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش قاتارلىق ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى يېزا-بازار(كوچا)لارغا چۈشۈرۈپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، جايلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنى يېڭىدىن ئىلتىماس قىلسا، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئاددىيلاشتۇرسا بولىدىكەن؛ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنقىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە قارىتا ئەھۋالغا قاراپ قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش قاتارلىق ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنى ئىلتىماسىنىتەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى توردا بېجىرىلىدىكەن.

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار قەرەللىك يوقلاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، گۇمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بايقىسا، شۇ جايدىكى سەھىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بەلگىلىمە بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا ئاپىرىشى كېرەك. ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بولسا، زىچ ئۇچراشقانلارنى ئايرىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپكارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىچىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىغائېھتىياجغا قاراپ بىۋاسىتە ۋاقىتلىق ياردەم بەرسە بولىدۇ؛ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار باشقا بىمارلارغا قارىتا، يېزا-بازار(كوچا)لارنىڭ ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش زاپاس فوندىنى ۋاقتىدا ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالدىن ياردەم بېرىشنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى تۈپەيلىدىنتۇرمۇشتا زور قىيىنچىلىق كېلىپ چىققان بولسا، بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جايلاردىن نوپۇس تۇرۇشلۇق جايغا ئىلتىماس قىلىش چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ، تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىش، ئىشلەمچىلىك قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نوپۇسقا ئېلىنمىغان جايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، ئاساسىي تۇرمۇشتا ئېغىر قىيىنچىلىققا يۇلۇققانكۆچمە نوپۇسلارنى جىددىي قىيىنچىلىق يۈز بەرگەن جايدىكى يېزا-بازار(كوچا) ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىۋاسىتە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇشنى يولغا قويدى.