شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

日期:2020年02月01日
来源:天山网
【字体:

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىدىن ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، شى جۇشىنىڭ تەدبىر، يوليورۇقلىرى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەگە تاپشۇرغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇنداشنى تەلەپ قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئارمىيە زىممىسىگە ئالغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىسى، مۇھىم تاپشۇرۇقى، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ رېئال تەلىپى، ھەل قىلغۇچ پەيتتە خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، شى جۇشىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇيرۇق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىش، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئاۋانگارتلار ئەترىتى، زەربىدارلار ئەترىتى بولۇش كېرەك؛ ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق مەنپەئىتىنىڭ ھەممىدىن ئەلا ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇپ، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، خىسلىتىنى نامايان قىلىش كېرەك؛ ئومۇملۇق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىشتە ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت ماسلىشىپ جەڭ قىلىش، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جەڭ قىلىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىنتىزامغا، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچنى ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.