جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2020年01月29日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز.

يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت. يۇقۇم تېز يامراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپى بويىچە ھەقىقىي تۈردە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق مەنپەئىتىنىڭ ھەممىدىن ئەلا ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلىشتىكى سىناق تېشى ۋە بىلەي تېشى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كۈچلۈك سىياسىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى كۆزىتىپ، پەرقلەندۈرۈپ، باھالاپ، ئىشلىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدىكى ئەمەلىي ئىپادىسىنى ئۇلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى، باشقۇرۇش ئىقتىدارى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى سىناشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىرىنى مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەش، دادىل ئىشلىتىش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، ھەتتا ساختىپەزلىك قىلغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان - مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تارماقلىرى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، قەيەردە ۋەزىپە خەتەرلىك، ئېغىر بولسا، شۇ يەردە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك خىزمىتى بولۇش، شۇ يەردە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت بولۇشى، ئۈلگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كەڭ دائىرىدە تەشكىللەپ، رايون، ناھىيە، كوچا - بازار، شەھەر - يېزا، مەھەللە قاتارلىق مۇداپىئە تورىنى قۇرۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، چىڭ ساقلاپ، قەتئىي يوچۇق قالدۇرماي، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، رايونلار ئىدارە قىلىش، تارماقلار ئىدارە قىلىش، ساھەلەر ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، ئورۇنلار ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئورگان، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار ھەمدە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنى، ئۆز ساھەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، ئاممىنىڭ سىردىشى ۋە يۆلەنچۈكى بولۇپ، خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سەھىيە، ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېببىي خادىملار ئارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى باتۇرلۇق بىلەن يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، داۋالاش، قۇتقۇزۇش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە تاللاپ ئەۋەتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئەمەلىي، سەمىمىي، جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېببىي خادىملارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلاردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىدىغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئەھۋالىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.