شى جىنپىڭ بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش سىلىڭى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى

日期:2020年01月19日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نېيبىدۇ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارلى جۇڭفا، مېڭ نا) شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېيبىدۇدىكى ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش سىلىڭى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم بىرمىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى، شۇنداقلا مېنىڭ يېڭى يىل كىرىشى بىلەن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشىم بولۇپ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىدا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە قانداق دولقۇن كۆتۈرۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرىدا ھەممىسى زىچ ھەمكارلىشىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان توغرا يولغا ماڭدى. ئىككى تەرەپ چوقۇم قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا بالدۇرراق نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە خەلقنىڭ ماسلىشىپ كۈچەپ ھەمكارلىشىشىغا تايىنىش كېرەك، بۇ يەنە ئىككى ئارمىيەنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. باش سىلىڭ ۋە بىرما ھەربىي تەرەپنىڭ جۇڭگو ھەربىي تەرەپ بىلەن بولغان بېرىش - كېلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بىرما تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلغۇچى دۆلەتلەر. جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشى، بىزنىڭ ئورتاق ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىمىزنى ياخشى قوغدىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق خەلقئارادا بىرما تەرەپ ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىدۇ.

مىن ئاڭلەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم بىرمىغا قىلغان زىيارىتى ئالاھىدە ۋاقىتقا توغرا كەلدى، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، نەتىجىسى مول بولدى، بىرما - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ بىرما بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم بىرما - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلىدى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرما تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىرمىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، بىرما دۆلىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ. بىرما ئارمىيەسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، چەت ئەللەر ئارىلاشماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدۇ. مەن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، بىرما بىلەن جۇڭگونىڭ قېرىنداشلىق مېھرى ۋە ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە بىرما - جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورىنى ئورتاق قۇرۇشنى پائال قوللاپ، بىرما - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.