شى جىنپىڭ بىرمىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلەت ئىچىگە قايتىپ كەلدى

日期:2020年01月19日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرمىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچىگە قايتىپ كەلدى.

شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ نېيبىدۇدىن ئايرىلىپ دۆلەتكە قايتىپ كەلدى. بىرمىنىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مىن رۈي كۆپلىگەن ئىچكى كابىنېت مىنىستىرىنى باشلاپ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. بىرما ياشلىرى جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنى قىزغىن ئۇزاتتى. بىرمىنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملارمۇ دۆلەت ئىچىگە قايتىپ كەلدى.