شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2020年01月19日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ - دەريالىرى تۇتاش، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەت ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن ئەنئەنىۋى دوستلۇق چېچەكلەپ مېۋە بەردى ھەم «ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، قوشنا دۆلەتلەر ئىناق - دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش» 16 خەتلىك فاڭجېنى ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇچقاندەك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. مەن يولداش رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئىككى قېتىم تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزئارا زىيارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە قوشنىدارچىلىقىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىمۇ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى. مەن جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، يولداش رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق غايە - ئېتىقاد ۋە تارىخىي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو - ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

رۇەن فۇجۇڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ مىللىي ئازادلىقى ۋە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ زىممىسىدىكى تارىخىي مەسئۇلىيەت بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ۋىيېتنام تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دېڭىز، قۇرۇقلۇق، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيەنى تەڭ قوللىنىش ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىغا ئاساسەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك»نى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى خالايدۇ. رۇەن چۈنفۇ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۈپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.