شى جىنپىڭ بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2020年01月18日
来源:新疆日报
【字体:

شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېيبىدۇ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە بىرما زۇڭتۇڭى ۋېن مىن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى ئالايىتەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە بېرىپ، شى جىنپىڭنى قارشى ئالدى ۋە ئۇنىڭغا سالام بەردى.

ئاڭشەن سۇجى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرمىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالدى، بىرما تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى كۈتكىلى ئۇزاق بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جۇشىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگونىڭ كاتتا چاغىنى يېقىنلىشىپ قالغان پەيتكە ھەم بىرما بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، تېخىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان بىرمىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. بىرما بىلەن جۇڭگونىڭ «قېرىنداشلارچە» دوستلۇقى دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى، پەقەت بىزلا ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى چوڭقۇر بىلىمىز. جۇڭگو ئىزچىل بىزنىڭ ياخشى دوستىمىز، تەقدىر بىز ئىككى تەرەپنى زىچ باغلىدى. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. شى جۇشىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ چوقۇم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ بىرما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دوستانە قارشى ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ مېنىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۇنجى قېتىم بىرمىدا زىيارەتتە بولۇشۇم، شۇنداقلا بۇ يىلقى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشىم، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەيدۇ ھەمدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى باشلايدۇ، بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ بىرمىنىڭ ئۆزى تاللىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى «قېرىنداشلارچە» دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ مول ماھىيەتلىك مەزمۇن قوشۇپ، جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.