جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

日期:2020年01月16日
来源:新疆日报
【字体:

(2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 133 ئەزاسى قاتناشتى، 246 ئادەم سىرتتىن قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2019 - يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، 2020 - يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يولداش جاۋ لېجىنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى» دېگەن تېمىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. بىردەك مۇنداق قارالدى: سۆزدە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى، ئۈنۈملۈك تۈزۈمى چوڭقۇر ئىزاھلىنىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا جەزمەن «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ - خەتەرنى ئويلايدىغان سىياسىي سەگەكلىكى، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى چېنىقتۇرۇپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2019 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيادىكى 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى مەۋقە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك ئاشقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىزچىل تۈردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنى ۋە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قەتئىي ئىشەنچلىك، پۇختا ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نازارەتچىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىدى. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى سىجىل قاتتىق جازالىدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەركەزلىك تۈزىدى. سىياسىي كۆزىتىش ۋە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. «تۆت خىل ھالەت»تىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىنتىزام، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دەل جايىدا، كۈچلۈك جاۋابكارلىققا تارتتى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئاساستا ساقلانما مىقدارنى كېمەيتىپ، قىلچە يول قويمايدىغان پوزىتسىيە بىلەن مىقدارنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ، دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملىدى، راۋاجلاندۇردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا، قانۇن ئىجرا قىلىشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا «قەتئىي يول قويماي»، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقتى. ئومۇمىي يىغىندا ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەردە شەكىللەنگەن تونۇش ۋە تەسىراتلار خۇلاسىلەندى، نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا تەھلىل قىلىنىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ يەنىمۇ ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. ئومۇمىي تەلەپ مۇنداق: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتكومنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش چوڭ ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئويلىشىپ، پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بىرىنچى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ، ئىجادىي نازارەت قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىشلىكى ئارقىلىق دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىشى كېرەك.

بىرىنچى، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى سىياسىي خىسلەت ۋە ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش» ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردە سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى «ئىككىنى قوغداش»، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرى ۋە تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت - پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھوقۇقنىڭ توغرا يولدا يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى ھەم نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىغاندىن كېيىنكى «مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، سىياسەتنى تاشلىماسلىق، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىق» ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، خىيانەت قىلغان، ئىگىلىۋالغانلار، يەۋالغان، ئېلىۋالغان، قىسىۋالغان، تەلەپ قىلغانلار، ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىغا ئېتىبار بەرگەن، پايدا يەتكۈزگەنلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» دېلولىرىنى دەل جايىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتكومنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)نىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، شۇجىنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى تۇتاشتۇرۇپ بىرلىكتە ھەرىكەتلەندۈرۈش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام بويىچە نازارەت قىلىش، رېۋىزىيە بويىچە نازارەت قىلىش، تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش، كۆزىتىپ نازارەت قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكتىكى ھەمكارلىشىش، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەخسۇس خىزمەتتىن دوكلات بېرىشىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، رېۋىزىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىنى تۈزۈپ، رېۋىزورلار قانۇنىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۆتىنچى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا بولغان نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى چۆرىدەپ، دائىمىي نازارەتچىلىكنى چىڭىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، ئېغىش پەرقىنى توغرىلاش، جاۋابكارلىقنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تەكلىپىدىن ئىبارەت كۈچلۈك قورالدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

بەشىنچى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، توغرا كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش، ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ تۇتۇش - ئۆزگەرتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا پوزىتسىيە بىلدۈرۈپلا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئامما نازارەتچىلىكى ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچى، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىدە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش بىلەن باشقا تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرىدىكى پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لارنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. كۆزىتىش، تەكشۈرۈشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

يەتتىنچى، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان نەپسىنى يىغماي، قولىنى تارتماي، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشقا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلغان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارنى بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، زور سوممىلىق پارا، كۆپ قېتىم پارا بەرگەنلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بايلىق، يەر، پىلانلاش، قۇرۇلۇش، بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قاچقۇنلارنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش «ئاسماندا تور ھەرىكىتى»نى سىجىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيە - ئەخلاق ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

سەككىزىنچى، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر جەڭچىلەردىن بولۇش كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتا ياخشى باشلامچى بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە ماسلىشىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ۋە ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش كېرەك. ئۆزىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، چەكلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنىڭ نازارەت قىلىنىشى، چەكلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىپ، قوشۇننى كۈچلۈك قۇرۇش، كادىرلارنى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!