كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

日期:2020年01月13日
来源:新疆日报
【字体:

پارتىيەمىز دۆلەت ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىككە دۇچ كەلگەن، مىللەت خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان پەيتتە دۇنياغا كەلگەن، دۇنياغا كېلىپلا كۈرەش قىلىش تامغىسى بېسىلغان، باسقان ھەربىر قەدىمىدە كۈرەش ئىچىدىن ھاياتلىق يولى تاپقان، تەرەققىي قىلغان، غەلىبىگە ئېرىشكەن.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن تىنچلىقتا خەۋپ - خەتەرنى ئۇنتۇماي، ھاياتلىقتا ئۆلۈمنى ئۇنتۇماي، خۇشاللىقتا غەم - قايغۇنى ئۇنتۇماي، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا روھنى ئۇرغۇتۇپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىپ بېرىش كېرەك.» «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ۋە ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ئىگە.

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلماي تۇرۇپ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، روھنى ئۇرغۇتماي تۇرۇپ يېڭىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان روھ بىلەن تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسىتىم ئۆزگەردىمۇ - يوق، بۇرچنى زىممەمگە ئالدىممۇ - يوق دەپ سوراپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى، ئېرىنچەكلىك قىلمايدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇش غەيرىتىنى ۋە قانچىكى خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىنتىلىدىغان كۈرەش روھىنى ئۇرغۇتتى. باش تېما تەربىيەسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈزلۈكسىز توپلانغان، ھەتتا مەركەزلىك كۆرۈلىدىغان مەزگىلگە كىرىدۇ، دۇچ كېلىدىغان مۇھىم، زور كۈرەشلەر ئاز بولمايدۇ، بۇ كۈرەشلەر ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ھەم ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، دىپلوماتىيە خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، سەپەر شۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا تولغان بولىدۇ. بۈگۈن، بىز دەۋاتقان كۈرەش، كۈرەش قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەس، شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشمۇ ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشتۇر. پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلاردا كۈرەش قىلىش روھىنىڭ بار - يوقلۇقى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان - ئالمايدىغانلىقىنى ئۆلچەشتە، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش - قىلالماسلىق، زىددىيەتكە تاقابىل تۇرۇشتا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلىش - قىلالماسلىق، خەۋپ ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلىش - قىلالماسلىق، سەۋەنلىك ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش - قىلالماسلىق، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىيات ئالدىدا قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش - قىلالماسلىققا قاراش كېرەك.

ھازىر بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئارىسىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى خالىمايدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالمايدىغان مەسىلىلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. بەزىلەر «ياخشىچاق ئادەم»، «تىنچ ئەمەلدار»، «يۇمىلاق تاۋۇز» بولۇپ، «يۇيغان قاچا قانچە كۆپ بولسا، قاچىنىڭ چېقىلىش ئېھتىماللىقى شۇنچە كۆپ بولۇش»تىن تەشۋىشلىنىپ، «ھەممىگە ياخشى بولسام تىللايدىغانلار بولمىسا، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا مەندىن ياردەم تەلەپ قىلمىسا»، «چاتاق چىقماسلىق ئۈچۈن ئامال بار ئىش قىلماسلىق»، «نەتىجىگە ئېرىشىشنىلا ئويلاپ، ئىش قىلىشنى خالىماسلىق، نام چىقىرىشنىلا ئويلاپ، كۈچ چىقىرىشنى خالىماسلىق»قا ئىشىنىدۇ؛ بەزىلىرى «بۇتخانىدىكى لاي بۇتساتۋا، بوران - چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ»، زىددىيەتكە دۇچ كەلگەندە ھودۇقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ، كۈرەش قىلىشقا توغرا كەلسە بەزگەكتەك تىترەيدۇ، بۇ نەدىمۇ كوممۇنىستلارنىڭ قىياپىتى بولسۇن؟! كۈرەش روھى كەمچىل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىسا، قىلىدىغاننى قىلمىسا، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايلا قالماي، بەلكى ئىش چوقۇم بۇزۇلىدۇ، چوڭ ئىشقا دەخلى يېتىدۇ. پارنىكتا كۆككە تاقىشىدىغان چوڭ دەرەخ ئۆسۈپ چىقالمايدۇ، بوشاڭلىق قىلىدىغانلار ئۇلۇغۋار ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، پەي - سۆڭەكلىرىنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتالايدىغان قاتتىق ئومۇرتقىلىق، تۆمۈر يەلكىلىك، ھەقىقىي ئىقتىدارلىق بولۇپ چىقىشى، جۈرئەتلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم بىلىشى، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇشى، ئېغىر، زور خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور توسالغۇنى يېڭىش، ئېغىر، زور زىددىيەتنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئالدىدا مېڭىشى، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلىسا، نېمە ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ؟ دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلىسا، نېمە ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلغىلى بولمايدۇ؟ كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قايسى ئىش ئورنىدا بولسا، شۇ ئىش ئورنىدىكى ئىشىنى ياخشى قىلىپ، قانداق ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش زۆرۈر بولسا، شۇ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلساقلا، بىز تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈرەش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ئەتىكى شەرەپنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!