ئەسلىي مەقسەت خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

− 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش پەيتىدە

日期:2020年01月13日
来源:新疆日报
【字体:

«پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى پۈتۈشتە، جەزمەن باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى قەتئىي تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ تېنىدە پەيدا بولغان بارلىق زەھەرلىك ئۆسمىلەرنى قەتئىي كېسىپ تاشلاپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ بولغان، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان بارلىق خەۋپ - خەتەرلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك».

2020 - يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

ئۇلۇغ ئىشلارغا كۈچەش، 100 يىلغىچە غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرۇش.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش

بۇ كۆرۈنۈش خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرىسىگە ئويۇلدى −

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئامما نامايىشىدا، قىپقىزىل غايەت زور پارتىيە نىزامنامىسى مودېلىنى ئاساس قىلغان «پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش» چاسا ئەترىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتتى.

بېزەكلىك ئاپتوموبىلدا، «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى» «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدە نازارەت قىلىش نىزامى» قاتارلىق ئېلېمېنتلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ نەتىجىلىرى 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلغانلىقىدىن ئىبارەت روشەن پەزىلىتىنى جانلىق نامايان قىلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ شانلىق غايەت زور ئۆزگىرىشىنىڭ ئىچكى لوگىكىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى قاينام - تاشقىنلىق مۇساپىنى ئەسلىسەك، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈشتىن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ «تۆت ئۇلۇغ»تىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى گەۋدىلىك تەكىتلەشكىچە، يەنە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى»نى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈشكىچە... پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ھەم تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ھەم ئۇنىڭ ئاچقۇچلۇق تىرىكى.

2019 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ 70 - يىلى.

كەلگەن يولنى ئەسلەپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش. قانداق قىلغاندا يېڭى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ؟

«پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.» 2019 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەك. تېخىمۇ ھەيۋەتلىك مۇساپە، تېخىمۇ مۈشكۈل خىرىس جەزمەن تېخىمۇ قۇدرەتلىك يول باشلىغۇچى كۈچنى تاۋلاپ چىقىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ۋە پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپى چۆرىدىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلدى −

مەركەزلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، مەخسۇس تېمىدىكى كىتاب ئوقۇش كۇرسى، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش... ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش ۋە نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆگىنىشكە تايىنىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتەك كۈچلۈك ئاڭلىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش، پارتىيەگە كىرىش جەريانىنى قايتا ئەسلەش، پارتىيەگە كىرىش ئەسلىي مەقسىتىنى قايتا سوراش، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش... يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى كەسكىن سىياسىي تۇرمۇشتا تاۋلىنىش داۋامىدا، ئېتىقاد ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىيسىنى يېتەرلىك تولۇقلىدى.

ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىدە كۆرسىتىلگەن سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى −

باش تېما تەربىيەسىدە، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرغۇچى رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى خادىملارنىڭ قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات، ئالاھىدە بايلىقتىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەش مەسىلىسى مەخسۇس تۈزەلدى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات، ئالاھىدە بايلىقتىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەش مەسىلىسىدىن جەمئىي 2848ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 4217 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 749 ئادەم ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، 2009 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، 1161 ئادەمگە مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسىگە قارىتا مەركەزلىك تۈزەش ئېلىپ بېرىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 98 مىڭ مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 130 مىڭ 100 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى. 832 دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچى سانى 267 مىڭ ئازايدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 1 مىليون 270 مىڭ نامرات ئاھالە، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىش تاماملاندى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 653 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى، نامرات ياشانغانلار، مېيىپلەر، بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار توپتىن 1 مىليون 49 مىڭ ئاھالە، 1 مىليون 756مىڭ ئادەم يېڭىدىن تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى...

باش تېما تەربىيەسىنىڭ جەريانى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەريانىدۇر. خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى: «دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىر خۇ خۇەيباڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى» دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى.

بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا، 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جاۋ جېڭيۇڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى»؛ «شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى چېن گوچياڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى» دەپ خەۋەر ئېلان قىلغانىدى.

زىچ تارقىتىلغان «يولۋاسقا زەربە بېرىش» ئۇچۇرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىگە قارىتا: «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق» دەپ يېڭى مۇھىم، زور ھۆكۈم چىقىرىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە: «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق» دەپ ئېنىق تەكىتلەندى.

بۇ، بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ھەرگىزمۇ قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ؛ بۇ، بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭ، ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

«بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.» 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش، يەنە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش مەردانە بۇيرۇقىنى چىقاردى.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش كۈچەپ ئالغا سىلجىتىلدى.

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، 15 مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە مەركەزگە قاراشلىق 13 ئورۇنغا مەركەزلىك كىرىپ تۇرۇشنى تاماملىدى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق مەركەز كۆزىتىشىنىڭ «قايتا قاراپ چىقىش»ى رەسمىي باشلاندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «تاماملىنىش»تىن ئىبارەت ھەل قىلغۇچ جەڭنى كۈتۈۋالدى، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى توختىماي ئىلگىرىلەپ، قايتا ئاتلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى قايتا يەتكۈزۈپ، تۈزىتىشكە قايتا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى قايتا مۇستەھكەملەپ، كۆزىتىشنىڭ سىياسىي نازارەتچىلىكتىكى تۈپ ئورنىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.

2019 - يىلىنىڭ بېشىدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» بېسىپ تارقىتىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپ قويۇلدى.

سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، پارتىيەگە سادىق بولمىغان، سەمىمىي بولمىغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قەتئىي تازىلىنىپ، قاتتىق بولغان نازارەتچىلىك، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق مەركەز ھۆكۈمەت ئەمر - پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇندى.

2019 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان جەمئىي 16 مىڭ دېلونى دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ، 17 مىڭ ئادەمنى جازالاپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغدىدى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى جياڭسۇ شياڭشۈي تيەنجيايى خىمىيە سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ «21 - مارت» پەۋقۇلئاددە ئېغىر، زور پارتلاش ۋەقەسى، جىلىن چاڭبەيشەن خەلقئارا ساياھەت ئىستىراھەت رايونى تۈرىدىكى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى قاتارلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان پارتىيە تەشكىلاتى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى؛

ئىچكى موڭغۇل مەنجوۋلى پورتىدىكى بىر قىسىم ئورۇن ۋە كارخانىلارنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان باھا ئۆستۈرۈش، تۆۋەن ئىستېمال، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش پايدا تەقسىملەش مەسىلىسىگە قارىتا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويدى، يۈننەن شۈەنۋېي شەھىرى خەيدەي بازىرىنىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىدا ساختىلىق ئىشلىتىش مەسىلىسىگە قارىتا جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى...

2019 - يىلى 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 6500دىن كۆپرەك پارتىيە تەشكىلاتى، 33 مىڭ 800دىن كۆپرەك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۆتكۈر قورال»نىڭ رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، باشتىن - ئاخىر سالماق كېمەيتىلمىدى، ئۆلچەم بوشاشتۇرۇلمىدى، يۇقىرى بېسىم ھالىتى مۇقىملاشتۇرۇلدى، جازالاش سالمىقى مۇقىملاشتۇرۇلدى، كادىرلار، ئاممىنىڭ سىجىل چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشقا بولغان ئارزۇسى مۇقىملاشتۇرۇلدى.

2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان بىر خەۋەر كەڭ كۆلەمدە دىققەت قوزغىدى:

«يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى چىن گۇاڭرۇڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىپ قالدى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ».

بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تۇنجى بولۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان سابىق ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك «بىرىنچى قول رەھبەر».

ئون كۈندىن كېيىن، يەنە بىر خەۋەر تورنى قاپلىدى: «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات - سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كېڭەش مۇدىرى يولداش ليۇ شىيۈ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىپ قېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى، تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىۋاتىدۇ».

يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ۋە سىياسەتنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكى، راۋاجلانغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولۇپ قالدى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن 2019 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئەي ۋېنلى، ۋاڭ تيې، چىن گۇاڭرۇڭ، ليۇ شىيۈ قاتارلىق مەركەز باشقۇرىدىغان كادىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 8700دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى.

چەكلەنگەن رايون قالدۇرۇلمىدى، تولۇق قاپلاندى، قىلچە يول قويۇلمىدى، چۆچۈتۈش ئېففېكتى سىجىل زورايتىلدى.

«يولۋاس» باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىلدى − 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەز باشقۇرىدىغان كادىردىن 42 ئادەمنى دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقىپ تەكشۈردى، 40 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بەردى؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى 555 مىڭ دېلونى تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈپ، 485 مىڭ ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بەردى، 19 مىڭ ئادەمنى جىنايەتكە چېتىشلىق بولۇش گۇمانى بىلەن تەپتىش ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

«چىۋىن»لار قالايمىقان ئۇچقان ھامان جەزمەن ئۇرۇلدى − 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 70 مىڭ 800ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 99 مىڭ ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 86 مىڭ 400ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 110 مىڭ ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى.

«تۈلكە»لەر ئاخىرغىچە قوغلاندى − 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن جەمئىي 1841 ئادەم قايتۇرۇپ كېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئەزاسى ۋە دۆلەت خىزمەتچى خادىمىدىن 816 ئادەم، «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان» 35 ئادەم، «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 ئادەم»دىن تۆتى بار بولۇپ، قايتۇرۇۋېلىنغان زاڭ مال سوممىسى تەخمىنەن 4 مىليارد 91 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولدى.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندى.

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت تىل بايلىقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزى «2019 - يىللىق جۇڭگو تاراتقۇلىرىدىكى ئون چوڭ يېڭى سۆز»نى ئېلان قىلدى، «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» بۇنىڭغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

بىر يىلدىن بۇيان، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشتىكى باش ۋەزىپە بولدى.

2019 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن جەمئىي 62 مىڭ 800ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 90 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى - كادىر بىر تەرەپ قىلىنىپ، تۇنجى قېتىم راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسى بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سانىدىن ئېشىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا ئۆزگىرىشلەر كۆرسىتىلدى، ھەقىقىي «ھېس قىلدۇرۇلدى».

بىر يىلدىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقى سىجىل زورايتىلدى.

ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دىققەتنى پۇل مۇئامىلە قالايمىقانچىلىقىنىڭ ئارقىسىدىكى مەنپەئەتتە تىل بىرىكتۈرۈش ۋە مۇناسىۋەت ۋاسىتىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم قۇتراتقۇلۇق قىلغان كاپىتال «زومىگەرلىرى» ۋە پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىدىكى «ئىشپىيونلار»نى تېپىپ چىقتى. 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ جەمئىي 5500دىن كۆپرەك دېلوغا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈپ، نازارەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇلدى.

بىر يىلدىن بۇيان، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىش، مۇناسىۋەت تورىنى بۇزۇش» چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى.

يۈننەندىكى سۈن شياۋگو دېلوسىدىن خۇنەن شىنخۇاڭدىكى «تەنتەربىيە مەيدانىغا جەسەت كۆمۈپ قويۇش دېلوسى»غىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» مەسىلىسىدىن جەمئىي 47 مىڭ 200نى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئەزاسى - كادىر ۋە مەمۇرىي خادىمدىن 54 مىڭ 500 ئادەمنى بىر تەرەپ قىلىپ، 6393 ئادەمنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، «زىيانداش مەرەزلەر»نى تارتىپ چىقىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىدى.

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش

1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، گۇيجوۋ ماۋتەي گۇرۇھىنىڭ يىغىن مەركىزى زالى ئادەمگە لىق تولغان بولۇپ، كەيپىيات سۈرلۈك ئىدى، «ماۋتەي گۇرۇھىنىڭ ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى» دېگەن خەت يېزىلغان قىزىل رەڭلىك پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

«مەن پارتىيە ۋە تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقى، ئىشەنچى ۋە يېتىشتۈرۈشىگە يۈزكېلەلمەيمەن، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغاندىلا ئاندىن ئەركىنلىكنىڭ قەدرىگە يەتتىم...» ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ماۋتەي گۇرۇھىنىڭ سابىق باش مۇدىرى يۈەن رېنگو قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار توغرىسىدىكى ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى بىلەن باشلاندى.

ئىلگىرىكى «يېنىدىكى كىشىلەر»نىڭ ئازابلىق پۇشايمانلىرى خۇددى بازغان بىلەن ئۇرغاندەك يىغىنغا قاتناشقان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

دېلو ئارقىلىق ئىبرەت قىلىش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇلتۇردىن بۇيان، گۇيجوۋ ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىپ، «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ماۋتەي ھارىقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىشىنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» «پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ماۋتەي ھارىقىدىن پايدىلىنىپ شەخسي مەنپەئىتىنى كۆزلەش قىلمىشىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىش بەلگىلىمىسى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى.

بىر دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنسا، بىر دائىرىگە ئىبرەت قىلىش، بىر تەرەپنى قېلىپلاشتۇرۇش چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىشنىڭ پايدىلىق ئەمەلىيىتى.

19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش» تۇنجى قېتىم خىزمەت دوكلاتىنىڭ باش تېمىسى قىلىپ كىرگۈزۈلۈپ، «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

نازارەتچىلىكتىكى بىرىنچى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى پۇختىلاپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، «تۆت خىل ھالەت»تىن ماسلاشتۇرۇپ پايدىلىنىش −

2019 - يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىپ، جەمئىي 1 مىليون 249 مىڭ ئادەم قېتىمغا تەنقىدىي تەربىيە بەردى، ياردەم بەردى ۋە بىر تەرەپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى خىل ھالەتتە 854 مىڭ ئادەم قېتىمغا تەنقىدىي تەربىيە بەردى، ياردەم بەردى، بۇ، ئومۇمىي ئادەم قېتىمنىڭ %68.4ىنى ئىگىلىدى، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئىگىلىگەن نىسبىتى سىجىل ئاشتى، «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىش تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتا ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەرنى جازالاشتىن كۆپ ساندىكىلەرنى باشقۇرۇشقا قاراپ كېڭەيتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىش»ىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، دېلو يۈزبەرگەن ئورۇنلاردىن ساۋاق ئېلىپ، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، چىرىكلىشەلمەيدىغان «قەپەس»نى پۇختىلاشقا تۈرتكە بولدى؛ تۈرگە ئايرىپ قاتلاملارغا بۆلۈپ ئىبرەت تەربىيەسى ۋە پاكلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتتى.

رېۋىزىيە فۇنكسىيەسىنىڭ كېڭىيىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، نازارەتچىلىك بىلەن ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغىچە قاپلاش −

جېجياڭ جۇجى شەھىرى چېنجەي بازىرىنىڭ دۇڭسەي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى «ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن» 50 مىڭ يۈەن كوللېكتىپ مەبلىغىنىڭ بۇنچە تېز «ئىز - دېرىكى» بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، چېنجەي بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە ئىشخانىسى دۇڭسەي كەنتىنىڭ رېۋىزىيە ئۇچۇر خادىمى مەلۇم قىلغان يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تەكشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىغا تەۋەلىك رايونىنى بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى. قىسقىغىنا ئۈچ كۈندە، كەنتنىڭ سابىق مالىيە بوغالتىرى ما xنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى يۇتۇۋالغان قانۇنغا، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، ما xكە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلۈپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن پۇلى قايتۇرۇۋېلىندى.

بۇ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق مەمۇرىي خادىملارنى نازارەت قىلىش بىلەن تولۇق قاپلاشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. 2018 - يىلى 7 - ئايدا، جېجياڭ باشلامچىلىق بىلەن پۈتۈن ئۆلكىدىكى 1389 يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)نى رېۋىزىيە ئىشخانىسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى «ئىشىك ئالدى»دىلا رېۋىزىيە كومىتېتى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، رېۋىزىيە فۇنكسىيەسى دۆلەت كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەرگە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىدە بوشلۇق قالدۇرۇلمىدى، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرۇلمىدى.

تۇرۇشقا ئەۋەتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش شەمشىرىنى ئۈزلۈكسىز چاقنىتىش −

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى»دىن كەلگەن: يېزا ئىگىلىك بانكىسى شەنشى شۆبە بانكىسى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى چېڭ جىنچيەن قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، دېگەن خەۋەر ئېلان قىلىندى.

مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرى بىلەن يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى بىرلىشىپ دېلو بېجىردى، بۇ، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ بىر ئىپادىسى. نۆۋەتتە، مەركەز باشقۇرىدىغان 15 پۇل مۇئامىلە كارخانىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەسىس قىلىنغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئاپپاراتى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىندى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە بولىدۇ؛ مەركەز باشقۇرىدىغان 31 ئالىي مەكتەپتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا نامزات كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ پارتگۇرۇپپىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان بولدى.

2019 - يىلى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئىككى نۆۋەت مۇنتىزىم كۆزىتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشكە ئاساسەن «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، 108 جاي، ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى قاپلىدى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاش ۋەزىپىسىنى تاماملاش نىسبىتى %50تىن ئاشتى؛ 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ كۆزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى تاماملاش نىسبىتى %59.5 بولدى؛ كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەكشۈرۈش بىلەن قاپلاش نىسبىتى %63.7كە يەتتى. مەركەز، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمەت سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆزىتىش شەمشىرى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە سانجىلدى.

بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قانۇن - نىزام، تۈزۈملىرىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش −

2019 - يىلى 9 - ئايدا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» بېسىپ تارقىتىلىپ، يولغا قويۇلۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ سىياسىيلىقى، دەللىكى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى؛

2019 - يىلى 1 - ئاي ۋە 7 - ئايدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسى» «رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمەت بەلگىلىمىسى» ئىلگىرى - كېيىن يولغا قويۇلۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈشىنى مىزان بىلەن تەمىنلىدى؛

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى يېتەكچى پىكىر بېسىپ تارقىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگان(ئاپپارات)لىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش داۋامىدىكى ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، «دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش چارىسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى تۇتاشتۇرۇپ، قانۇنلارنى جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ تۈزۈم ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

«چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق» بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىلدى، ئىنتىزام بويىچە نازارەت قىلىش، رېۋىزىيە بويىچە نازارەت قىلىش، تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش، كۆزىتىپ نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت «تۆت تولۇق قاپلاپ» ھوقۇقنى نازارەت قىلىش ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى.