باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2020年01月10日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)


 «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ ئىشلىرىنى پۈتۈشتە، جەزمەن باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى قەتئىي تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ تېنىدە پەيدا بولغان بارلىق زەھەرلىك ئۆسمىنى قەتئىي كېسىپ تاشلاپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ بولغان، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان بارلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، ئەتراپلىق تەشكىللىدى. بۇلتۇر 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، باش تېما تەربىيەسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى، نۆۋەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پائال ئاتلاندى، خەلق ئاممىسى قىزغىن قوللىدى، پۈتۈن باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن، پۇختا، ئىخچام بولۇپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىپ، مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىلىش، ئىشىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلايدىغان، بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئامما ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان، ئەڭ غەم قىلىۋاتقان، ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىش، پارتىيەنىڭ ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر قىسىم ئامىللارنى تۈگەتتى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى بىرلىكى، سىياسىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، ھەرىكەت جەھەتتىكى بىردەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ «تۆت ئۇلۇغ»نى بىرتۇتاش ئىگىلەش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن، تەشكىلىي جەھەتتىن، ئىستىل جەھەتتىن كۈچلۈك سەپەرۋەر قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە ھەر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە يېڭى ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلدى، يېڭى تەجرىبىلەر توپلاندى. بىرىنچى، دىققەت باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي لىنىيە چىڭ كۆزلىنىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باش تېما، ئاساسىي لىنىيە، ئومۇمىي تەلەپنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىش ئايرىۋېتىش مەسىلىسىنى يېڭىپ، پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەدە دىققەت چېچىلىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئىككىنچى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق «مۇتلەق كۆپ سانلىقلار»نى يېتەكلەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۈچىنچى، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىش بىرلەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىش تۇتاشتۇرۇلۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى، پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنىڭ ئومۇمىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. تۆتىنچى، مەسىلىلەر چىڭ كۆزلىنىپ، دەل جايىدا تۈزىتىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىرمۇبىر، تۈرمۇتۈر ئالغا سىلجىتىلىپ، مەسىلە ھەل بولمىغۇچە بوشاشماي، ئۈزۈل - كېسىل ھەل بولمىغۇچە قويۇۋەتمەي، ئامما ئېتىراپ قىلمىغۇچە بولدى قىلماي، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. بەشىنچى، قاتتىق نازارەت قىلىنىپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە كۈچەپ، سىياسەت تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كۈچەيتىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىلىپ، مەسئۇلىيەت چىڭىتىلىپ، پۇختىلىنىپ، ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئامما قاتنىشىشقا، نازارەت قىلىشقا، باھالاشقا تەكلىپ قىلىندى. ئالتىنچى، قۇرۇق ئىش قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلىنىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش گەۋدىلىك تەلەپ قىلىنىپ، باش تېما تەربىيەسى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»دىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان پۇت - قولى شەكىلۋازلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر پۇختا ئىشلەندى، جايىدا ئىشلەندى. نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ دائىم بوشاشماي تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە - ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنى مەڭگۈ چىڭ ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرماقتا، پارتىيەمىزنى قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن دائىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنىڭ ئۇيۇل تاشتەك بولۇشى، بۇرچنىڭ زىممىدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئالاھىدە تارىخىدىن ئەسلىي مەقسەتنى ئىزدەپ، بۇرچنى رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ، بۇرچنى ھېس قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغان، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا ئاندىن تېخىمۇ ئاڭلىق بولغىلى بولىدۇ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتا ئاندىن تېخىمۇ قەتئىي بولغىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشنى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە بىزنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مول ئەمەلىيىتىمىز بىلەن باغلاپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتە جاپالىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش داۋامىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن مەسىلىلەرگە توغرا قاراش جاسارىتى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىش، خاتالىقنى باتۇرلۇق بىلەن تۈزىتىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى. قۇدرەتلىك پارتىيە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا تاۋلىنىپ چىققان. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئىنقىلابىي غايە ۋە تولۇپ تاشقان ئىنقىلابىي كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكۈر قورالنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى توختىماستىن بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىش كېرەك. پارتىيەمىز دۆلەتتە ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك بولۇۋاتقان، مىللەت خەۋپ - خەتەردە قالغان پەيتتە دۇنياغا كەلگەن، دۇنياغا كېلىپلا كۈرەش قىلىش تامغىسى بېسىلغان بولۇپ، باسقان ھەربىر قەدىمىدە كۈرەش قىلىش داۋامىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرگەن، تەرەققىياتقا ئېرىشكەن، غەلىبە قىلغان. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن تىنچلىقتا خەۋپ - خەتەرنى ئۇنتۇماي، ھاياتلىقتا ئۆلۈمنى ئۇنتۇماي، خۇشاللىقتا غەم - قايغۇنى ئۇنتۇماي، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا روھىنى ئۇرغۇتۇپ، نۇرغۇن، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىپ بېرىشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈش، كۆپ ئىشلارنى كۆرۈش داۋامىدا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، بېلىنى رۇسلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ قاتتىق ئومۇرتقىسى، تۆمۈر يەلكىسى، ھەقىقىي قابىلىيىتىنى چېنىقتۇرۇپ، ئېغىر، زور خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىچكى تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىستېمىلىق تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئاددىي، ئەپچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مەسىلىنىڭ ئەجەللىك يېرىگە دەل تەگكۈزۈش؛ ھەم نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش؛ ھەم ئىجادىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى قانۇن - نىزاملىرى، تۈزۈملىرى بىلەن يۇغۇرۇپ تۇتاشتۇرۇپ، چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىدە چىڭ تۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئورنىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئورنىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمگە ئاڭلىق ھۆرمەت قىلىپ، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداپ، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈم ئىجرا قىلىشقا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈمنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئۈلگە كۆرسىتىشى، زەربىدار بولۇشى كېرەك. ۋەزىيەت قانچە كەسكىن، مۇرەككەپ بولغانسېرى رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىرادىنى شۇنچە ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توغرا كېلىدۇ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، ئېغىر بولغانسېرى رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن شۇنچە باشلامچى بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىشى كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجە - ئۈنۈمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماسلىققا سىجىل تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مەزمۇنلۇق بولۇپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، 2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى، سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەمدە ھەرقايسى شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)، ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملاردىكى تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا يىغىنغا قاتناشتى.