مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

日期:2020年01月01日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بېيجىڭدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي سۆھبىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بېيجىڭدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى ھەم ئويۇن كۆردى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ ۋېيخەن، لىن خۇي) جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، 2020 - يىللىق يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي سۆھبىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھارماي - تالماي ئىزدىنىشتەك گۈزەل ئارزۇسى يۈكلەنگەن. ئۇزاق مۇددەت جاپالىق ئىزدىنىش ۋە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىمىز. بۇ، تىز پۈكمەي، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىش سەپەرۋەرلىكىدۇر. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسىلا، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولسىلا، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2019 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. بىر يىلدىن بۇيان، كۆپچىلىك بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈردۇق، شۇنداقلا نۇرغۇن نەتىجىگە ئېرىشتۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىچكى - تاشقى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى مۆلچەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ بىر يىلدا، بىز يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى جانلىق نامايان قىلىپ، يېڭى جۇڭگونى مەدھىيەلەش، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىشنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقى ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدۇق. بۇ بىر يىلدا، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق. بۇ يىل مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان 46 نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە باشقا 61 ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالدى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار يەنە 178 ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر جەمئىي 285 ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەر 2217 ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «تۆت خاھىش» بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تۈزۈم قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرى سىستېمىلىق يەكۈنلىنىپ، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش غەيرىتى كۈچەيتىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان يىل. بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت ئېغىر، زور. بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «92 - يىلىدىكى ئورتاق تونۇش» ئاساسىدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تاشقى ئالاقە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىدىيەنى نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشكە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى بىر يىلدا، خەلق سىياسىي كېڭىشى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

چاي سۆھبىتىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىرلىك سەپ ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاي سۆھبىتىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ «ئىتتىپاقلىق كۈچ»نى ئېيتتى، يىغىن مەيدانى قاينام - تاشقىنلىق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بېيجىڭدىكى پېشقەدەم يولداشلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.