شى جىنپىڭ «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2019年11月29日
来源:新疆日报
【字体:

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى. پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل ھەل قىلىپ، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. خەلقئارا جەمئىيەت ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرى، «يەرنى تىنچلىققا ئالماشتۇرۇش» پىرىنسىپى ۋە «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ سەمىمىي ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى قوللايدۇ، 1967 - يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان، شەرقىي يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە تىنچلىقىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.