«بىر بەلباغ، بىر يول» ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈش

日期:2019年11月27日
来源:新疆日报
【字体:

2013 - يىلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستان نەزەربايېۋ داشۆسى، ھىندونېزىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» بىلەن «21 - ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم، زور تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، قىسقارتىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دېيىلدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» ئاسىيا - ياۋروپا - ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بىر ئۇچى جانلىق شەرقىي ئاسىيا ئىقتىساد چەمبىرىكىدە، بىر ئۇچى تەرەققىي قىلغان ياۋروپا ئىقتىساد چەمبىرىكىدە، ئوتتۇرىسى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولغان كىندىك رايوندىكى دۆلەتلەر.

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ھەمدە جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىساد دىپلوماتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىشى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىندى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىقتىساد، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش كۈچەيتىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قول تۇتۇشۇپ دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇلدى، تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى يارىتىلدى، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆزلەندى، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى كېڭەيتىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەقىقىي تۈردە بىر تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش يولى ۋە مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى يۆنىلىشىگە قاراپ قەدەم بېسىلدى.

2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، 136 دۆلەت ۋە 30 خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن 195 پارچە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇستىن ئەمەلىيەتكە، ئارزۇدىن ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، ئىلگىرىلىشى ۋە نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ، ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى كۈنسېرى ئېشىپ، جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىققا قاتنىشىش، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلاش، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان جۇڭگو لايىھەسىگە ئايلانماقتا، جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىققا قاتنىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.