مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2019年11月25日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قاتتىق قوغداش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، باراۋەر قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن، مەمۇرىيەت، ئىقتىساد، تېخنىكا، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2022 - يىلىغا بارغاندا، ھوقۇققا چېقىلىش ئاسان يۈزبېرىش، كۆپ يۈزبېرىش ھادىسىسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇقىنى قوغداشتا «دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، دەۋرىيلىكى ئۇزاق بولۇش، تەننەرخى يۇقىرى بولۇش، تۆلەم تۆۋەن بولۇش» ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. 2025 - يىلىغا بارغاندا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ جەمئىيەت رازى بولۇش دەرىجىسىنى بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ ھەم ئۇنى ساقلاپ، قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، قوغداش سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىمنىڭ قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىشتىكى ئاساسىي كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە يەنە «تۈزۈم چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداش سىياسەت يۆنىلىشىنى ئورنىتىش» «جەمئىيەت نازارەت قىلىپ ئورتاق تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداش خىزمەت ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش» «ھەمكارلىشىش، جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تېز قوغداش ئاچقۇچلۇق ھالقىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش» «چەتكە چېتىشلىق ئالاقە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداش ئەۋزەل مۇھىتى يارىتىش» «ئۇل شارائىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىگە كۈچلۈك تىرەك بولۇش» «تەشكىللەپ يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىقلار توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.