خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى

日期:2019年11月25日
来源:新疆日报
【字体:

2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»، يەنى «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى بارلىق يولداشلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاپ، رەسمىيەتچىلىك قىلىشتىن، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك؛ ئاددىي، يېنىك جابدۇنۇپ، ھەمراھ بولۇشنى ئازايتىپ، كۈتۈۋېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇشى كېرەك. يىغىن - پائالىيەتلەرنى ئىخچاملاپ، يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش؛ يىغىننىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يىغىننى قىسقا ئېچىپ، قىسقا سۆز قىلىپ، قۇرۇق گەپ، تەكەللۇپ سۆزلەردىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچاملاپ، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى بولمىغان، تارقاتسىمۇ - تارقاتمىسىمۇ بولىدىغان ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى بىردەك تارقاتماسلىق كېرەك. زىيارەتكە چىقىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، زىيارەتكە بىللە چىقىدىغان خادىملارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، قەتئىي ھالدا قاتناش قوراللىرىغا بەلگىلىمە بويىچە ئولتۇرۇش كېرەك. قوغداش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، قاتناشنى كونترول قىلىشنى ئازايتىش، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يولنى قامال قىلماسلىق، مەيدانلارنى تازىلىماسلىق، سارايلارنى تاقىۋالماسلىق كېرەك. ئاخبارات خەۋەرچىلىكىنى ياخشىلاپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار قاتناشقان يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنى خىزمەت ئېھتىياجى، ئاخبارات قىممىتى، جەمئىيەت ئۈنۈمىگە ئاساسەن خەۋەر قىلىش - قىلماسلىقنى قارار قىلىپ، خەۋەر قىلىشنىڭ سانى، خەت سانى، ۋاقىت ئۇزۇنلۇقىنى يەنىمۇ قىسقارتىش كېرەك. ماقالە ئېلان قىلىشنى چىڭىتىپ، مەركەز بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، شەخسلەر ئەسەر، نۇتۇق كىتابچىلىرىنى ئاشكارا نەشر قىلدۇرماسلىقى، تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتمەسلىكى، كىرىش سۆز، بېغىشلىما يازماسلىقى كېرەك. ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، تۇرالغۇ، ئاپتوموبىل سەپلەش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەمىناتىغا دائىر بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە قەيسەر ئىرادىسى، پەزىلىتى بىلەن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتا ئىشنى مەسىلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش، قاتتىق بولۇشنى باشلامچى قىلىش، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتىن باشلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئىلگىرى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارالغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر، تەسىرى چوڭقۇر - ئۇزاق، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولدى.

2017 - يىلى 10 - ئايدا، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇشتەك روشەن پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالماي ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى.