تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

− پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

日期:2019年11月22日
来源:新疆日报
【字体:

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ھەرقايسى جايلاردا 32 مەيدان دوكلات بېرىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 50 مەيدانغا يېقىن ئۆتكۈزدى، بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچىلار 450 مىڭغا يېقىن بولدى، تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا ئۇلاپ تارقىتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ئاڭلىغان، كۆرگەنلەر 18 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە يەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدەپ، مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ نەق مەيداندىكى سۆزلىگەن لېكسىيەسى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولدى، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتا قىيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرىش دەل، ئىنچىكە، ئومۇميۈزلۈك بولدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئامما چوڭقۇر تەربىيە، ئىلھام ئېلىپ، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلۇغ خىتاب كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركەز مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللىشىنى قارار قىلدى. 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىكتىن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا تەشۋىق قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

شۇ كۈندىن باشلاپ، مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بېيجىڭدا كوللېكتىپ دەرس تەييارلىدى. كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارارى» «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش تېزىسى»غا ئاساسەن، كۆڭۈل قويۇپ دەرس تەييارلاپ، لېكسىيە سۆزلەش ئارگىنالى يېزىپ، ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلدى.

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى خەلق سارىيىدا تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تونۇشتۇردى، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى شەرھلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى شەرھلىدى، ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارارى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ، ئومۇمىي نىشان ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى. دوكلاتتا جانلىق، ئوچۇق دېلو مىساللىرى، سانلىق مەلۇماتلار، گىرافىكلار قوللىنىلىپ چۈشەندۈرۈلدى، دوكلات چوڭقۇر، ئەتراپلىق، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چۈشىنىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ياردەم بەردى.

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ، مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. «قارار»نىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ جەۋھىرى ئىكەنلىكى ئېنىق چۈشەندۈرۈلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىق چۈشەندۈرۈلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئومۇمىي نىشانى ئېنىق چۈشەندۈرۈلدى... شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە، ئورگان، كارخانىلاردىن مەھەللە، مەكتەپلەرگىچە مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى جانلىق، تەسىرلىك چۈشەندۈردى، يۆنىلىش ئېنىق بولۇپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئىشەنچىنى چىڭىتىش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئومۇمىي نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى توغرا ئىگىلەش» «پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىق تۆت جەھەتتىن چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى.

شاڭخەي كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنىدا بوش ئورۇن قالمىدى. مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شاڭخەينىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى بىرلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر شەرھلەپ، پۈتۈن شەھەردىكى يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەردىن تىرىشىپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى، تەلىپىنى يېڭى دەۋردىكى شاڭخەي تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن يېڭى مۆجىزە يارىتىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تيەنجىندە پۇختا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، تۈزۈم ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت سەككىز جەھەتتىن سىستېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى ۋە شەرھلىدى. دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، ئۇ يەنە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قاتارلىقلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئۈرۈمچىدىكى لېكسىيە سۆزلەش دوكلات بېرىش يىغىنىدا، مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزاھلاپ، ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ، ئومۇمىي نىشان ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تونۇشى، تەسىراتىنى سۆزلىدى.

چۇڭچىڭدا، مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن مىنئېر پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى ھەم تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن تونۇشى، تەسىراتىنى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەر ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، ھېسسىيات ئارقىلىق سۆزلەپ، كۈچەپ ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ چۇڭچىڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىدە، مەركەز لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئىشەنچىنى چىڭىتىش» «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» قاتارلىق 13 تەرەپنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى ۋە چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى. دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، ئۇ تۇڭجۇ رايونى تۇڭيۈن كوچىسىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىپ، ئومۇمىي يىغىن روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پايتەختنى ئىدارە قىلىشتا ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى ياخشى پۇختىلاپ، خىزمەتنى بىۋاسىتە كوچىغىچە تۇتۇپ، مەھەللىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش كېرەك.

لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 53 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى سەنشەن مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى جاپپار رەجەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر دۆلىتىمىز بارغانسېرى قۇدرەت تاپتى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، پۇقرالارنىڭ ھەممسى چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ».