جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن

دۆلەتنىڭ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى

日期:2019年11月22日
来源:新疆日报
【字体:

نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «يىرىك پىلان» يېقىنقى مەزگىلى 2022 - يىلىغىچە، ئوتتۇرا مەزگىلى 2035 - يىلىغىچە، يىراق مەزگىللىك مەنزىلى 2050 - يىلىغىچە بولۇپ، بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت.

«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم يۈزلىنىشى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقەدەر ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى. نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ پۈتۈن ساھەلىرى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، جەمئىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىرى، ھەتتا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرگە ئىگە بولۇپ، خىرىس بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت.

«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان تۈزۈم رامكىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، مادارىغا بېقىش، مۇۋاپىق بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

«يىرىك پىلان»دا نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، يەنى نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇشنىڭ تۈزۈم ئاساسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، بايلىق زاپىسىنى كۈنسېرى تولۇقلاپ، ئادەم كۈچى كاپىتالىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى مول، ئەلا سۈپەتلىك، جەمئىيەت مۇھىتىنى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، دوستانە قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى باشتىن - ئاخىر نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مۇساپىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئوڭۇشلۇق قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2022 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش تۈزۈم رامكىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىدۇ؛ 2035 - يىلىغا بارغاندا، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولىدۇ؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پىشىپ يېتىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

«يىرىك پىلان»دا نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كونكرېت خىزمەت ۋەزىپىلىرى بەش جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

بىرىنچىدىن، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جەمئىيەت بايلىق زاپىسىنى پۇختىلاش. ئومۇمىي مىقدارنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق كىرىمىنى تەقسىملەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت، كارخانا، ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەقسىمات ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كۈتۈنۈش بايلىقى زاپىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل جەمئىيەت كاپالىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ بەخت - سائادەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئەمگەك كۈچى ئۈنۈملۈك تەمىناتىنى ياخشىلاش. تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ياشانغانلار ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشتەك ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش - پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇشتىكى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك، ساپاسى يۇقىرى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى سۈپەتلىك بولغان ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە مەھسۇلات تەمىناتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ساغلاملىق تەربىيەسى، ئالدىنى ئېلىش - ساقلىق ساقلاش، كېسەلگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - پەرۋىش قىلىش، ئۇزاق مۇددەت ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، خاتىرجەم داۋالىنىش - كۈتۈنۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال، ئۈزلۈكسىز بولغان ياشانغانلار ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئائىلىنى ئاساس قىلىش، مەھەللىنى تايانچ قىلىش، ئاپپاراتنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ يول، كۆپ ساھە ئارقىلىق ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، خەلق ئىگىلىكى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ياشانغانلار مۇلازىمىتىنىڭ پەن - تېخنىكىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلار ساغلاملىقى پەن - تېخنىكا تىرىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىدىغان تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش - ئېچىش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتەك جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش. نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قانۇنچىللىق مۇھىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئائىلە قوللاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارغا دوستانە بولغان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ياشانغانلار، ئائىلە، جەمئىيەت، ھۆكۈمەت ئورتاق قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆزى تۇتۇش، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى سىياسەت سۆھبىتى ۋە تۈرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئالاھىدىلىككە ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە رايونلارنى تاللاپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە باھالاش، جاۋابكارلىققا تارتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يىرىك پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.