گىرېتسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ھەمدە بىرازىلىيەگە بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

日期:2019年11月18日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گىرېتسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ھەمدە بىرازىلىيەگە بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.

شۇ يەر ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شى جىنپىڭ باشىلىيادىن ئايرىلىپ ۋەتەنگە قايتقىچە، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ ئىسپانىيەنىڭ تېنېرىفې ئارىلىدا تېخنىكىلىق توختىدى.