جۇڭگو - چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى جىن جېڭئېن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2019年10月07日
来源:新疆日报
【字体:

10- ئاينىڭ 6- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن جۇڭگو - چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن سىزنى ھەم سىز ئارقىلىق چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى، چاۋشيەن خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، بۇ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چاۋشيەن يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى دەۋردىكى رەھبەرلىرىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقى خەلقئارادىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىش ۋە دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىنىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىمۇ مۇھىم، ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى. جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى. مەن جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بولغان ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە دوستلۇقنى قەدىرلەيمەن. ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بەش قېتىم ئۇچرىشىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى يېڭى تارىخىي دەۋرگە ئورتاق يېتەكلىدۇق. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

جىن جېڭئېن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: چاۋشيەن - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، مەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە چاۋشيەن خەلقىگە ۋاكالىتەن يولداش باش شۇجىنى ھەم يولداش باش شۇجى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنى ئەڭ قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئەڭ سەمىمىي تىلەك تىلەيمەن.

جىن جېڭئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. 70 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن - جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت خەلقى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر ھايات - ماماتتا، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، يىللارنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇلۇغ چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق تارىخىنى پۈتتى. ھازىر، چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان مۇھىم ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە قەدەم قويدى. چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىدىن ئىبارەت بۇ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىگە قەتئىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەن ۋە چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس مەيدانى. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن چىڭ قول تۇتۇشۇپ، چاۋشيەن - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بويىچە، دۇنيانىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق كۈچى ئارقىلىق سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەتئىي قوغداشنى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداشنى خالايمەن.