دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمىدا قىلىنغان سۆز

日期:2019年09月30日
来源:新疆日报
【字体:

(2019- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى)

شى جىنپىڭ

يولداشلار، دوستلار:

بۈگۈن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي شەرىپىنى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلار ۋە جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلارغا بەردۇق.

ئالدى بىلەن مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بۈگۈن «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار، «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشكەن خەلقئارادىكى دوستلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

بۈگۈن تەقدىرلەنگەن دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن مىليونلىغان زاتلارنىڭ ۋەكىلى. ئۇلارنىڭ جىسمىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ روھى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى جانلىق گەۋدىلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە تۆھپىسى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈلۈك پۈتۈلىدۇ!

قەھرىمانلارنى قەدىرلىگەندىلا ئاندىن قەھرىمانلار مەيدانغا كېلىدۇ، قەھرىمانلاردىن بولۇشقا تىرىشقاندىلا ئاندىن قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەشكە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۈگۈن بىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلىشىمىز، مۇكاپاتلىشىمىز دەل ئۇلارنىڭ جىسمىدا نامايان بولغان سادىق بولۇش، قەيسەر بولۇش، ئاددىي - ساددا بولۇشتەك روشەن پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈندۇر.

− سادىق بولۇش دەل قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادىنى قەتئىي ساقلاپ، ئېگىلمەي - سۇنماي، جان - دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش غايە - ئېتىقادىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى چىڭ ساقلاپ، بىر ئۆمۈر تىرىشىپ يەر - جاھاننى لەرزىگە سالغان قەھرىمانلىق جاسارىتى ناخشىسىنى پۈتۈشتۇر.

− قەيسەر بولۇش دەل قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي، كەسپىدە ئۆكۈنمەي چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتەك ساپ قەلبىنى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرتمەسلىكتۇر.

− ئاددىي - ساددا بولۇش دەل قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ھەممىسى ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، شەخسنىڭ پايدا - زىيىنى بىلەن ھېسابلاشماي، شەخسىي مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ كوللېكتىپنى ئويلاپ، تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك دېگەن يۈكسەك روھقا ئىگە بولۇشتۇر، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن يولداشنىڭ ھەممىسى نام - شەرىپىنى يوشۇرۇپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئىشلارنى قىلغان تىپلار بولۇپ، بىر خىل ئۇلۇغ ئۆزىنى ئۇنتۇش مەنزىلىنى نامايان قىلدى.

قەھرىمان نەمۇنىچىلار ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلۇغ نەتىجىنىڭ ئادەتتىكى ئىشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئاددىي ئىشلارنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. پەقەت قەتئىي غايە - ئېتىقاد، بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى بولسىلا، ھەربىر ئاددىي ئىشنى پۇختا، ياخشى قىلسىلا، بارلىق ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قالتىس كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ، بارلىق ئاددىي خىزمەتلەردە قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن يولداشلارنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، مۇستەھكەم ئېتىقادى، غايىسى، ئىشەنچى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

بۈگۈن تەقدىرلەشكە ئېرىشكەنلەردىن يەنە ئۇزاق مۇددەت بىزنى قوللىغان ۋە بىزگە ياردەم بەرگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستلىرى، ياخشى دوستلىرى بار. بىز ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز! جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىزنىڭ بۇ پىلانېتىمىزنى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈشنى خالايدۇ.

يولداشلار، دوستلار!

بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا ئېھتىياجلىق. يېڭى دەۋر مۇقەررەركى، پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە دەۋر. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئوخشاش قەتئىي بولۇپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئوخشاش كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك زەپەر مارشىنى ئورتاق پۈتۈشى كېرەك!

كۆپچىلىككە رەھمەت!