شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ 2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2019年09月30日
来源:新疆日报
【字体:

تەبرىك تېلېگراممىسى

جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار:

2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە، سىلەر 11 قېتىم ئۇدا غەلىبە قىلىشتەك كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، چېمپىيونلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ قېلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈردىڭلار. سىلەر مۇسابىقىدە كۈچلۈك رەقىبلەردىن قورقماي، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، خىسلىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، سەۋىيەرىڭلارنى نامايان قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشتەك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھىنى تولۇق نامايان قىلدىڭلار. مەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، يېڭى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن. سىلەرنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادەڭلەرنى داۋاملىق ساقلاپ، مەغرۇرلانماي، ئالدىراقسانلىق قىلماي، يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى)


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ياپونىيە دابەن، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چېمپىيونلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ قالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى بارلىق ئەزالار، تىرېنېرلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە، سىلەر 11 قېتىم ئۇدا غەلىبە قىلىشتەك كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، چېمپىيونلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ قېلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈردىڭلار. سىلەر مۇسابىقىدە كۈچلۈك رەقىبلەردىن قورقماي، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، خىسلىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، سەۋىيەرىڭلارنى نامايان قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشتەك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھىنى تولۇق نامايان قىلدىڭلار. مەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، يېڭى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن. سىلەرنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادەڭلەرنى داۋاملىق ساقلاپ، مەغرۇرلانماي، ئالدىراقسانلىق قىلماي، يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى كۈچلۈك رەقىبلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن يېڭىپ، 11 قېتىم ئۇدا غەلىبە قىلىشتەك كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ قالدى. 1981- يىلى، 3- نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى بىرىنچى قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولدى، كېيىن ئۇدا بەش قېتىم چېمپىيون بولۇشتەك شانلىق نەتىجىنى ياراتتى. 38 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۇسابىقىدە كەينى - كەينىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشتەك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھىنى شەكىللەندۈردى.