شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تىكتاك توپ تەنھەرىكەتچىسىگە جاۋاب خەت يازدى

日期:2019年09月30日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تىكتاك توپ تەنھەرىكەتچىسى روي رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ تىكتاك توپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى ھەم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدەك ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى. 9- ئاينىڭ 19- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رويغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنى جۇڭگو ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ خېتىدە خۇشال ھالدا ئۆتكەن يىلى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە زىيارەتتە بولغاندا روي ۋە كوماندا ئەزالىرىنىڭ جۇڭگولۇق تىرېنېر بىلەن مەشىق قىلىۋاتقانلىق ئەھۋالىنى كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ، روي ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ تىنچ ئوكيان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. روي ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

جۇڭگو تىكتاك توپ شۆيۈەنىدە مەشىق قىلىش ئارقىلىق، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ بۇ يىل 7- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچ ئوكيان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىشتەك تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى شۇ جايدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.