شى جىنپىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

日期:2019年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 20- كۈنى، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

9- ئاينىڭ 20- كۈنى، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ ۋېيخەن، لىن خۇي) مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ باش ئوقى قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە قويۇلغان تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قىزغىن چاۋاك ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، خەلق سىياسىي كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم - لېنىنىزم بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، پارتىيە نەزەرىيەسى، دېموكراتىك سىياسىي نەزەرىيەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ سىياسىي تۈزۈمدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي كېڭەش ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىلىدە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بىر قاتار يېڭى تەلەپلەرنى قويدى، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچىدىن، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئىككىنچىدىن، خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى توغرا ئىگىلەش، ئۈچىنچىدىن، خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، تۆتىنچىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بەشىنچىدىن، قەلب ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، ئالتىنچىدىن، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، يەتتىنچىدىن، خەلق سىياسىي كېڭەش خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سەككىزىنچىدىن، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش. 70 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق سىياسىي كېڭەش تۈزۈمى كۆپ تەرەپتىن ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش داۋامىدا كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەم تارىخىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەم دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ ئىشلارنى كۆپرەك كېڭىشىش، ئىشلارغا يولۇقسا كۆپرەك كېڭىشىش، ئىش قىلىشتا كۆپرەك كېڭىشىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. پىكىر ئاڭلاش، پىكىرنى ئاڭلاشقا جۈرئەت قىلىش، بولۇپمۇ تەنقىدنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش − ئىشەنچ بولۇش، كۈچ بولۇشنىڭ ئىپادىسى. سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئىتتىپاقلىشىش - تەنقىد قىلىش - ئىتتىپاقلىشىش» ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پىكىرگە كەڭ يول ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىدىيە، كۆز قاراشنىڭ تولۇق ئىپادىلىنىشى ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر كېڭىشىش، باشقىلارغا زورلاپ تاڭماسلىق، قائىدىگە ئەمەل قىلىش، تەرتىپلىك كېڭىشىش، ھەركىم ئۆز گېپىنى قىلىپ تۇرۇۋالماسلىق، چۈشىنىش، كەڭ قورساق بولۇش، سەمىمىي كېڭىشىش، ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، تەرسالىق قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ - كۇشادە سۆزلىشىدىغان، ھەركىم ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەم ئىدراكىي ئۆلچەم بولغان، قانۇنغا ئۇيغۇن، نىزامنامىگە ئاساسلىنىدىغان ياخشى كېڭىشىش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش داۋامىدا كېڭىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىشكە قاتنىشىش دائىرىسى، مۇزاكىرە قىلىش پىرىنسىپى، ئاساسىي تەرتىپى، پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلى قاتارلىقلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر شارائىتىدا، بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭەش ئۈنۈملۈك خىزمەتلەر ئارقىلىق، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان ۋە كۈچەيتىدىغان مۇھىم بازا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىللىك زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان مۇھىم سەھنە، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتلەرنى پەسەيتىدىغان، تۈگىتىدىغان ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندى. بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىردەكلىك ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنىڭ بىردەكلىكى بولۇپ، كۆپ خىللىق مەنپەئەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكى، ئىدىيەنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىش داۋامىدا بىردەكلىك ئۈستىدە ئىزدىنىش، «ئوخشاش» قىلىپ قويماسلىق كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن دائىملىق ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، پەرقلەرنى تۈگىتىپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئىدىيەدە ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭەش ھەر ساھەدىكى ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئەزالارنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ساھەدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئاممىنىڭ پىكرى ۋە تەكلىپىنى ۋاقتىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنى يۈرگۈزىدىغان مۇھىم سىياسىي شەكىل ۋە تەشكىلىي شەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ئۆز پارتىيە - گۇرۇھى نامىدا سىياسىي كېڭەشتە پىكىر بايان قىلىش، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەققىدە مېخانىزم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىش كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ئەزالارنى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاشقا يېتەكلەپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان كۈچلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش كېرەك. تەيۋەن ئارىلىدىكى ئالاقىدار پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرىنى سىياسىي كېڭەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. تاشقى ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىللىك زاتلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەستايىدىل كېڭىشىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ھەر ساھەدىكى ئاممىغا ۋەكىللىك قىلىپ دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، بۇ، شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى، مەسئۇلىيەت. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قەتئىي دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ھېسسىياتى بىلەن، ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەزالىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىدىيە سەۋىيەسى ۋە تونۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەخلاق - پەزىلىتىنى تاۋلاپ، پاك - تەلەپچان بولۇشنى چىڭىتىپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىگە ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلىشى كېرەك. پارتكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە سىرتىدىكى دوستلار بىلەن كەڭ ۋە چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشىدە ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ 70 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلىرىدا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە قويۇلغان بىر قاتار يېڭى تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسى، ئومۇمىي تەلىپى، كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىسمەن مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، قىسمەن ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش، بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.