باتۇرلۇق بىلەن دۇنيانىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەش

日期:2019年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

1960- يىلى 5- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو تاغقا چىقىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋاڭ فۇجوۋ، گۇڭبۇ (زاڭزۇ)، چۈ يىنخۇا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىمالىي يانباغرىدىن دۇنيادىكى بىرىنچى ئېگىز چوققا - جۇمولاڭما چوققىسىغا چىقتى. جۇڭگو تاغقا چىقىش ئەترىتى ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم شىمالىي يانباغرىدىن جۇمولاڭما چوققىسىغا چىقىشتەك ئۇلۇغ ئىشىنى تاماملاپ، جۇڭگو ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈردى.

دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىنى بويسۇندۇرۇش يېڭى جۇڭگو تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ يۈكسەلگەنلىكىنىڭ بىر كارتىنىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، تەنتەربىيە ئىشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، تېز سۈرئەتتە ساغلام تەرەققىي قىلىش يولىغا قەدەم قويدى. 1952- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، ماۋ زېدۇڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا ئاتاپ: «تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى. بۇ 12 خەتكە تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ تۈپ فاڭجېنى يىغىنچاقلانغان بولۇپ، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.

ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىللىشى ۋە سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن، كەڭ ئامما تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە پائال قاتناشتى، زاۋۇت، مەكتەپ، قىسىم، ئورگان ۋە يېزىلاردا تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ مول، رەڭدار ھالدا قانات يايدۇرۇلدى.

ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشى ماھارەت تەنتەربىيەسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى. تۈركۈملىگەن مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار جاپالىق مەشىق قىلىش ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ، بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، يېنىك ئاتلېتىكا، تىكتاك توپ، سۇ ئۈزۈش، تاغقا چىقىش قاتارلىق تۈرلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

1959- يىلى 4- ئايدا، رۇڭ گوتۈەن گېرمانىيەنىڭ دورتموندا ئۆتكۈزۈلگەن 25- نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ئەرلەرنىڭ يەككە ئوينىشى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، جۇڭگو ئۈچۈن تۇنجى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشى يېڭى جۇڭگونىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، گۈللەپ ياشنىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلاندى. نەچچە ئەۋلاد تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئىتتىپاقلىشىپ ئېلىشىشى، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو تەنتەربىيەسى چوڭ قەدەم بىلەن دۇنياغا يۈزلىنىپ، دۇنيا تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلىمەكتە.