شى جىنپىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلغارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تېخىمۇ قالتىس يارقىن سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

日期:2019年09月19日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شىنياڭ شەھىرى شىنشيەن ناھىيەسى خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيىغا ھۆرمەت بىلدۈردى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

9- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شىنياڭ شەھىرى گۇاڭشەن ناھىيەسىنىڭ خۇەيديەن يېزىسىدىكى سى ماگۇاڭ مايلىق چايزارلىقىغا كېلىپ، ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا قىسمدىكى رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئىلغارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تېخىمۇ قالتىس يارقىن سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

ئالتۇن كۈزدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك چوڭ زېمىنى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن بولۇپ، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. 9- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ، ئۆلكە باشلىقى چېن رۇنئېرنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنياڭ، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كونا ئىنقىلابىي رايون، يېزا، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئەھۋالىنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

دابيېشەن رايونىدىكى شىنياڭ شەھىرىنىڭ شىنشيەن ناھىيەسى خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزى بولغان جاي. 9- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى، خاتىرە سارىيىغا ھۆرمەت بىلدۈردى، قەھرىمانلار تېغىدىكى «قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە» باش تېمىلىق ھەيكەلگە يىراقتىن نەزەر سالدى. خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان ئوغۇل - قىزلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى. خاتىرە سارايدا، شى جىنپىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى بېكىتى خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى بولۇپ، مەقسەت يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ روھىغا تەسەللى بېرىش. مېنىڭ ھەر قېتىم كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە مەيدان - سورۇنلىرىغا بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشىم پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىنى، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئەجدادلار ياراتقان ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئۇقتۇرۇش ئۈچۈندۇر.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزىدىكى ئىنقىلابىي مۇزېيغا كېلىپ، خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ ئىنقىلاب تارىخىنى ئىگىلىدى. خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە رەھبەرلىك قىلىپ قۇرغان تايانچ بازىلارنىڭ بىرى، مەركىزىي سوۋېت رايونىدىن قالسىلا 2- چوڭ ئىنقىلابىي تايانچ بازا بولۇپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ نۇرغۇن ئاساسىي كۈچى دۇنياغا كەلگەن، «28 يىل قىزىل بايراق يىقىلماسلىق» مۆجىزىسىنى ياراتقان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بۇ جاي ليۇ بوچېڭ - دېڭ شياۋپىڭ چوڭ قوشۇنى مىڭ چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ دابيېشەنگە يۈرۈش قىلغاندا ماكانلاشقان جاي. مۇزېيدا نۇرغۇن قىممەتلىك ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، قىزىل ئەنئەنە تەربىيەسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، دائىم ئۆگىنىپ دائىم يېڭىلاپ، ئۈزلۈكسىز تەسىرات ئېلىپ، غايە - ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىشى ۋە يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك. ئىنقىلابىي مۇزېي، خاتىرە ساراي، پارتىيە تارىخى سارىيى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىزىل گېن ئامبىرى. پارتىيەنىڭ ھېكايىسى، ئىنقىلابنىڭ ھېكايىسى، تايانچ بازىلارنىڭ ھېكايىسى، قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئېكسكۇرسىيە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇزېينىڭ ئىچكى ھويلىسىغا كېلىپ، شۇ جايدىكى قىزىل ئارمىيە ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ سالاملاشتى. شى جىنپىڭ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن ئالايىتەن كۆپچىلىكنى يوقلاپ كەلدىم، كۆپچىلىك ۋە سوۋېت رايونىدىكى بارلىق قىزىل ئارمىيە ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك. قىزىل ئارمىيە ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى ئىنقىلابىي روھقا ۋارىسلىق قىلىشتا قايىل قىلىش كۈچى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە، ئەجدادلارنىڭ قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىپ، ياش ئەۋلادلارغا سۆزلەپ بېرىپ، كىشىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 70 يىل بولدى، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى قانداق؟ بۇنى كۆڭلىگە پۈككەن شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ شىنشيەن ناھىيەسى تيەنپۇ يېزىسىنىڭ تيەنپۇداۋەنگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى كەنت بولۇپ، تاغ - دەريا بويىغا جايلاشقان، مەنزىرىسى گۈزەل، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، چۇ بەگلىكى مەدەنىيىتى، خۇيپەي مەدەنىيىتى بۇ يەردە گىرەلىشىپ جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت قىزىل ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ئىجادكارلار دۇكىنىدىن 20 نەچچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. شى جىنپىڭ كەنتتىكى چىغىر يولنى بويلاپ، ئىجادكارلار دۇكانلىرىغا كىرىپ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش يولى، پۇقراۋى قونالغۇدا قونۇش نىسبىتى، كىچىك دۇكانلارنىڭ تىجارىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكلەپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى ياخشى ئۆزگەرتىش، ياخشى قوغداش كېرەك.

«يۇرتىمىزدىكى ئاددىي قونالغۇ» پۇقراۋى قونالغۇدا، شى جىنپىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، قونالغۇ ئىگىسى خەن گۇاڭيىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. خەن گۇاڭيىڭ باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ قىزىل ئارمىيە ئەۋلادى، ئىنقىلابىي قۇربان ئائىلە تەۋەسى ئىكەنلىكىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقىنى، يەنە تېخى يۇرتداشلىرىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مول قىزىل مەدەنىيەت بايلىقى ۋە يېشىل ئېكولوگىيە بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ياخشى ئۇسۇل.

كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يۇرتداشلار ۋە ساياھەتچىلەر كەنت ئېغىزىغا يىغىلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا: «باش شۇجى ياخشىمۇ سىز!» «رەئىس شى جىنپىڭ ياخشىمۇ سىز!» دەپ خۇشال توۋلاشتى. شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگىنىچە كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى بىلەن ھۆرمەت بىلدۈردى. كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرگەن باش شۇجى خۇشال ھالدا بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىچىك قوللىرىنى تۇتۇپ، مەڭزىلىرىنى سىيلاپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى.

شىنياڭ شەھىرىنىڭ گۇاڭشەن ناھىيەسى دابيېشەن تېغىدىكى توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونغا جايلاشقان بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان نامرات ناھىيە. 9- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گۇاڭشەن ناھىيەسىنىڭ خۇەيديەن يېزىسىدىكى سى ماگۇاڭ مايلىق چايزارلىقىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مايلىق چايزارلىق كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ گۇاڭشەن ناھىيەسىنىڭ مايلىق چاي كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. سىم - سىم يامغۇردا، مايلىق چايزارلىق قېنىق يېشىل رەڭگە كىرگەنىدى. شى جىنپىڭ ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مايلىق چاي دەرىخى ئۆستۈرۈش ۋە مېۋە بېرىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، يۇرتداشلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى، ئىشلەمچىلىك ۋە كىرىم ئەھۋالىنى سورىدى. كۆپچىلىك باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مايلىق چاي ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ياخشى كۈنگە ئېرىشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قاقاس تاغلاردىن پايدىلىنىپ مايلىق چاي ئۆستۈرۈشنى كېڭەيتىش ھەم ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بوپتۇ ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپتۇ، بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. دېھقانلارنى تەشكىللەپ، بازارغا يۈزلىنىپ، «شىركەت + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، مەنپەئەت ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئورتاق مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، ئىنچىكە پىششىقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مايلىق چاي كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، گۇاڭشەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى ۋېنشۇ يېزىسىنىڭ دۇڭيۆ كەنتىگە باردى. بۇ كەنتتە ئەسلىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 145 نامرات ئائىلە، 585 نامرات كىشى بار بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، 2018- يىلى پۈتۈن كەنت ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شى جىنپىڭ كەنتنىڭ مەدەنىيەت كۈتۈۋېلىش مەركىزىگە كېلىپ، گۇاڭشەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى ۋە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ گۇاڭشەن ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇڭيۆ كەنتىدە «رەڭدار سەھرا» كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى. شى جىنپىڭ سىبا، يۆبىڭ، تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى، سۈرلەنگەن قارا چوشقا گۆشى، تاتلىقياڭيۇ پىنتوزىسى، تاتلىق گۈرۈچ ھارىقى قاتارلىق «گۇاڭشەندىكى ئون گۆھەر» ۋە گۇاڭشەن مامۇق چاپىنى قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردىكى سېتىلىش يولى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تېجەشچان بولۇش، مۇھىت ئاسراشقا دىققەت قىلىپ، زىيادە ئوراپ قاچىلاشنى تۈگىتىپ، ئىسراپچىلىق قىلىش ۋە مۇھىتنى بۇلغاشتىن ساقلىنىش كېرەك. گۇاڭشەن خۇاگۇ تىياتىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئىككى خۇاگۇ تىياتىرى ئارتىسى باش شۇجىغا نەق مەيداندا يېڭىدىن تەييارلىغان خۇاگۇ تىياتىرىنى ئورۇنلاپ بېرىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى گۇاڭشەن ناھىيەسىگە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتكەن يولداشلارنى قوبۇل قىلدى ھەم شۇ جايدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش باشلامچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۇاڭشەن ناھىيەسى بۇ يىل نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش مەڭگۈلۈك تېما، مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەم ئەقىل جەھەتتىن يۆلەپ، ھەم ئىرادە جەھەتتىن يۆلەپ، ھەم قان بېرىپ، تېخىمۇ مۇھىمى قان ئىشلەپ، قان ئىشلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، بېيىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش روھىنى جارى قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماستىن، يەنە بېيىش، بېيىش يولىدا داۋاملىق ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش، تېخىمۇ باياشات گۈزەل تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەلقنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بىر تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشى. پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، كۆپچىلىككە تايىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئاساسىي قاتلامنىڭ كونكرېت خىزمىتىگە ئايلاندۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىش كېرەك.

9- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جېڭجوۋ كۆمۈر كان ماشىنىسازلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىگە كەلدى. بۇ، بىر دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولۇپ، 60 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇھىم كۆمۈر كان ئۇنىۋېرسال قېزىش تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تەمىنلەش سودىگىرى، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ياسىمىچىلىق كارخانىسىغا ئايلاندى. كارخانا كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇش، چەت ئەل كارخانىلىرىنى قوشۇۋېلىش، مەھسۇلاتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا، كۆمۈر كان سۇيۇقلۇق بېسىملىق تىرەك مەھسۇلاتى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ سۇيۇقلۇق بېسىملىق تىرەك كۆرسەتمە مەشغۇلاتىنى تەپسىلىي كۆردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياسىمىچىلىق − ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسى، ئەمەلىي ئىقتىساد − دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ دەسمايىسى، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى. كەسىپلەر تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مىقدار كۆپ بولۇشتىن سۈپەت يۇقىرى بولۇشقا بۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى پۇختا ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

خۇاڭخې دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بۆشۈكى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئۈچ دەريا مەنبەسى، چىليەنشەن تېغى، چىنلىڭ تېغى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش قۇرۇلۇشى توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 9- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خۇاڭخې مۇزېيىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتى، سۇ ئاپىتى خەۋپىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش قاتارلىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەۋرىشكىسى، تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە سۈرەت، رەسىم، جەدۋەللەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپچىلىك بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ ئاپىتى بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا نامايان قىلغان قەتئىي باش ئەگمەي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشتەك كۈرەش قىلىش روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ خۇاڭخې دەرياسى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى لىنخې مەيدانىغا كېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزدىن كەچۈردى، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەنى ئاسراش، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، توسما مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلىدى. لىنخې مەيدانىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا، شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جېڭجوۋ بۆلىكىگە نەزەر سالدى. ئېگىز ئاسمان، بىپايان سۇ، بۇلۇق ئۆسكەن ئورمان، ئوت - چۆپ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ «خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش كېرەك» دېگەن ئۇلۇغ چاقىرىقنى چىقارغانىدى. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئۈزۈلمەي تىنچ ئېقىشىدەك تارىخىي مۆجىزىنى ياراتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتۈشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ھە دېسىلا يار ئېلىپ كېتىدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى تۈپتىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

9- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، خېنەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، بىراق خەلقئارا ۋەزىيەت يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بىز جەزمەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. خېنەندىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، تىرىشىپ تارىخقا يۈز كېلەلىگۈدەك، دەۋرگە يۈز كېلەلىگۈدەك، خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى ئۆلكە ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال سىڭىشىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى يارىتىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىقتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە يەر قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق بازىرى ۋە ئوبوروتىنى ياخشى ئىشلەپ، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك ئۆلكىسى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سۈزۈك سۈ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى مەنبەدىن ھەل قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىي قىلىدىغان ئىقتىساد سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسى بويىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشى ئاسراپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئالدىرىغان، ئېھتىياجلىق بولغان، ئۈمىد قىلغان خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك. دىققەتنى «ئۈچ تاغ، بىر ساھىل»غا، بولۇپمۇ دابيېشەن ئىنقىلابىي كونا رايونى قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى يولغا قويۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يۇرتىغا قايتقانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خاتىرجەم ياشايدىغان جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇ قۇرۇپ، تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تور بوشلۇقىنى توغرا كەيپىياتقا تولدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ 1- تۈركۈمى ئاخىرلاشتى، 2- تۈركۈمى ئەمدىلا باشلاندى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ قاتلىمى تۆۋەنگە يۆتكەلدى، لىنىيەسى ئۇزۇن، دائىرىسى كەڭ. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيەنى ئاشكارا تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئامما ئەڭ ئالدىرىغان، ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان، ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغان جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونى تايانچ بازىسى پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم پارتىيە قۇرۇش بازىسى، جياۋ يۈلۇ روھى، قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھى، دابيېشەن روھى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قىزىل تەربىيەنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار كۈرەش قىلغان، قۇربان بەرگەن ئۇلۇغ ئىشلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىدىغان قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ جېڭجوۋدا خېنەندە تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى مۇئاۋىن شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باش ئوفىتسېرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن خېنەندە تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. جاڭ يوۋشيا قوبۇل قىلىشتا ھەمراھ بولدى.