تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرەيلى!

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

日期:2019年09月19日
来源:新疆日报
【字体:

ئۆچمەس تۆھپىلەر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تارىخ بېتىگە ئويۇلغان؛ شانلىق ئۈلگىلەر مىللەتنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىنى يورۇتقان.

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىنى بېرىش قارارىنى چىقاردى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، يۈ مىن قاتارلىق سەككىز كىشىگە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» بەردى، رائۇل كاسترو رۇس قاتارلىق ئالتە كىشىگە «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى، يۈ يى قاتارلىق 28 كىشىگە دۆلەت شەرىپى نامى بەردى. ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى سۈپىتىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىنى باھالاش، بېرىش، جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ، خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قاتنىشىشىدىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەيدۇ.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى سىستېمىلىق لايىھەلەپ، ھەر تەرەپلىمە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھى ئارقىلىق «جەمئىيەتتە بۈيۈك ئەخلاق تىكلەش»نى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن، جۇڭگوچە تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش تۈزۈمى ئورنىتىش ئارقىلىق «دۆلەتتە بۈيۈك ھەققانىيلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇش»قىچە، يەنە تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەقدىرلەش ئارقىلىق «جاھاندا بۈيۈك سەمىمىيەتنى كەڭ تارقىتىش»قىچە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش خىزمىتىدە مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكلىنىدىغان، تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلىدىغان مۇكەممەل سىستېما شەكىللەندۈرۈلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىنى مەركەزلىك باھالاپ بېرىشنى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇش ئىجادىيلىق، بۆسۈش خاراكتېرلىك، ئۈلگە كۆرسىتىشچانلىقنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

خەلق تارىخنى يارىتىدۇ، تارىخ قەھرىمانلارنى يارىتىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا قىزغىنلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىدى، بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى، بۇ جەرياندا تىللاردا داستان بولغۇدەك سانسىزلىغان مەشھۇر شەخسلەر مەيدانغا كېلىپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىشنىڭ كۈرەش قەسىدىلىرى پۈتۈلدى. تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىدە، قەھرىمانلارنى كۈيلەش ئەزەلدىن كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان كۈي بولۇپ كەلگەن. بىر بولسا ساداقەتمەنلىك بىلەن دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش، بىر بولسا جان - دىل بىلەن خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، بىر بولسا پۈتۈن كۈچى بىلەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش... «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەر يېڭى جۇڭگودىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار توپىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، خەلقنىڭ شان - شەرىپى، دۆلەتنىڭ بايلىقى. ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق خىسلىتىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلۇغلاش قەھرىمانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، قەھرىمانلارنى قەدىرلەيدىغان، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلۇغلايدىغان دۆلەت پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى.

دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي شەرىپى، چەكسىز شان - شەرەپ، شۇنداقلا مىليونلىغان خەلقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان غايەت زور كۈچ. تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەر دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى، مىللەتنىڭ ئاۋانگارتى، جەمئىيەتنىڭ ئۈلگىسى، كەسىپلەردىكى داڭدارلار بولۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ يېنىمىزدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان، ئەڭ يېقىملىق، ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان ئۈلگىلەرنىڭ تىپى. دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئالىيجاناب خىسلەت، ئۆزىنى بېغىشلاپ قۇربان بېرىدىغان ئالىيجاناب ھېسسىيات، ئۈن - تىنسىز كۈرەش قىلىدىغان پەزىلەت، ئىرادىسىدىن يانماي يېڭىلىق يارىتىدىغان كەسىپنى قەدىرلەيدىغان پوزىتسىيە، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئىنقىلابىي روھ ... تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ جىسمىدا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى جانلىق نامايان بولماقتا. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىنى بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېتىقاد يەلكىنىنى چىقىرىش، نەمۇنىلىك ئۈلگە تىكلەش پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرىدۇ، ئالىيجاناب ئىشلار ئۈلگىنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى پۈتۈن پارتىيەنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان مەنىۋى مەشئەل، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا يېتەكلەيدىغان ئۈلگىلىك كۈچ. تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۇلغايتىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرساق، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلساق، بىز چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى توپلىيالايمىز؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىمۇ جەزمەن مىليونلىغان ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىشى بىلەن تېخىمۇ قالتىس بولغۇسى.