جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى

42 كىشىگە دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بەردى

日期:2019年09月18日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 17- كۈنى رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- قېتىملىق يىغىنى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، 42 كىشىگە دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرىپى نامى بەردى.

رەئىس پەرمانىغا ئاساسەن، يۈ مىن، شېن جىلەن (ئايال)، سۈن جيادۇڭ، لى يەننيەن، جاڭ فۇچىڭ، يۈەن لۇڭپىڭ، خۇاڭ شۈخۇا، تۇ يوۋيوۋ (ئايال)لارغا «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» بېرىلدى.

رائۇل كاسترو رۇز (كۇبا)، ماخا چاكرى سىرىندورن (ئايال، تايلاند)، سەلىم ئەھمەد سەلىم (تانزانىيە)، گالىنا ۋېنىئامىنوۋنا كۇلىكوۋا (ئايال، رۇسىيە)، ژان پىئېر رافالان (فىرانسىيە)، ئېلزابېت كرۇك (ئايال، كانادا)لارغا «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىلدى.

يې پېيجيەن، ۋۇ ۋېنجۈن، نەن رېندۇڭ (مانجۇ)، گۇ فاڭجوۋ، چېڭ كەيجيالارغا «خەلق ئالىمى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ يۈ يى (ئايال)، ۋېي شىڭخۇا، گاۋ مىڭشۈەنلەرگە «خەلق مائارىپچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ ۋاڭ مېڭ، چىن يى (ئايال)، گو لەنيىڭ (ئايال)لارغا «خەلق سەنئەتكارى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ غەيرەت مامۇت (ئۇيغۇر)، شېن لياڭلياڭ، مەي شيەندې، جاڭ چاۋلارغا «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ ۋاڭ ۋېنجياۋ، ۋاڭ يوۋدې (خۇيزۇ)، ۋاڭ چىمىن، ۋاڭ جىسەي، بۇرماقان مولدۇ (ئايال، قىرغىز)، جۇ يەنفۇ، لى باۋگو، دۇگۈيما (ئايال، موڭغۇل)، گاۋ دېرۇڭ (دۇلۇڭزۇ)لارغا «خەلق ئۈلگىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ رېدى (زاڭزۇ)غا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ دۇڭ جيەنخۇاغا «<بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>تىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ لى داۋيۈگە «دىپلوماتىيە خىزمىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ فەن جىنشى (ئايال)غا «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.