شى جىنپىڭ دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

بىخەتەر بولۇش، كونترول قىلغىلى بولۇش ۋە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

日期:2019年09月17日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈش، ئومۇمىي خەلقنىڭ تور بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە تېخنىكىلىق ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش دۆلەت تور بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. دۆلەت تور بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە، تور بىخەتەرلىكى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تور بىخەتەرلىكىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ تور بوشلۇقىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. تور بىخەتەرلىكى تەربىيەسى، تېخنىكىسى، كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ياخشى سۈپەتلىك ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى، كېيىنكى ئەۋلاد خەۋەرلىشىش تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى يېڭىچە قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش، ھەم قانۇن - نىزام ۋە ئۆلچەملەردىن پائال پايدىلىنىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەر بولۇش، كونترول قىلغىلى بولۇش بىلەن ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئېچىۋېتىلگەن مۇھىتقا قويۇپ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

2019- يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تور بىخەتەرلىكى خىرىسلىرىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، كەڭ خەلقنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش داۋامىدىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «تۆتتە چىڭ تۇرۇش» پىرىنسىپى تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى جانىجان مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغداش كېرەك.

دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى 2014- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ نۆۋەتلىك تەشۋىقات ھەپتىلىكىدە «تور بىخەتەرلىكى خەلق ئۈچۈن، تور بىخەتەرلىكىدە خەلققە تايىنىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 9- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا تور بىخەتەرلىكى كۆرگەزمىسى، تور بىخەتەرلىكى تېخنىكىسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى، تور بىخەتەرلىكى باش تېما كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.