جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى» ھەم «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2019年09月16日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى» دېيىلدى) ۋە يېڭىدىن تۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2012- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى» پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى. يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە تەلەپكە ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. «نىزام»نى تۈپ مىزان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈم جەھەتتىكى «تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات»نى ياخشى قىلىپ، تۈزۈمنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئۈنۈم ئېففېكتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى»نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، نىزام - ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ئەنگە ئېلىش، ئەنگە ئېلىنغاننىڭ ھەممىسىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق كۆرۈلگەنلىرىنى جەزمەن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە پارتىيە سىياسەتلىرىنىڭ بىرلىكلىكى، نوپۇزلۇقلۇقىنى قوغداش كېرەك. «ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن نىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم ئەھۋاللار ۋە تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.