شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

日期:2019年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، بىز خىرىسلار ئۈزۈلمەيۋاتقان، خەۋپ - خەتەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولسا بولمايدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مەسئۇلىيەتچان ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشقا بەكرەك موھتاج. بۇ جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى دۆلەت ئۈچۈن، شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم بولماقتا. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان، ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - گېرمانىيە ھەمكارلىقى تورتىنى تېخىمۇ چوڭ ياساش كېرەك. سىز بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ ئىككى تەرەپ ئاز بولمىغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلدى، بۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە دېگىنىنى قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو بازىرى يېتەرلىك چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىياتقا ئەگىشىپ بارغانسېرى چوڭىيىپ، گېرمانىيە ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو - گېرمانىيە ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالغانلىقىنىڭ ناھايىتى ياخشى مىسالى. ئىككى تەرەپ ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىن كۆرەرلىك ئېڭىنى ساقلاپ، ئاپتوماتىك ھەيدەش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملەشتۈرۈش ۋە 5G قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسى بازارنى ئورتاق يېتىلدۈرۈشى ۋە ئېچىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پۇل مۇئامىلە ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، گېرمانىيە تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. سىز يەنە ۋۇخەنگە بېرىپ زىيارەتتە بولىسىز. گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. ئادىمىيەت ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىنى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئورتاق نامايان قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئافرىقىغا قارىتىلغان ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە - جۇڭگونىڭ سۆھبەتلىشىش ھەمكارلىقى كەڭ، چوڭقۇر بولۇپ، جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى تېخىمۇ ياخشى يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. گېرمانىيە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال، جۇڭگوغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىقمۇ گېرمانىيەگە پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كەلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىشنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. گېرمانىيە تەرەپ كۆپ تەرەپچىللىك، ئەركىن سودا روھىغا ئاساسەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە نۆۋەتتىكى مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.