مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

日期:2019年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى شېن يۆيۆ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

9- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شېن يۆيۆ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيە تەمىناتى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يېشىل - تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تېزلىتىش كېرەك.

شېن يۆيۆ شىنجاڭنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى»نى يولغا قويۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ئەڭ مول رايونلىرىنىڭ بىرى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى»نى يولغا قويۇشنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدا پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، قانۇننى يولغا قويۇش جەريانىدا يەنە بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا، بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، چىڭ تۇتۇپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن گاۋ خۇچېڭ، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، دوۋ شۇخۇا، جياۋ يۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، گۈلشات ئابدۇقادىر، ۋاڭ مىڭشەن، مەڭلىك سېيىت، ياۋ شىنمىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.