«19-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانمىلار»نىڭ 1- قىسمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2019年09月02日
来源:新疆日报
【字体:

2017- يىلى 10- ئايدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن تارتىپ 2019- يىلى 3- ئايدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى يېپىلغانغا قەدەر بولغان بۇ مەزگىل ئىچىدىكى جەمئىي 65 پارچە، تەخمىنەن 660 مىڭ خەتلىك مۇھىم ھۆججەت كىرگۈزۈلگەن


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «19- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانمىلار»نىڭ 1 - قىسمى مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

«19- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانمىلار»نىڭ 1- قىسمىغا 2017- يىلى 10- ئايدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن تارتىپ 2019- يىلى 3- ئايدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى يېپىلغانغا قەدەر بولغان بۇ مەزگىل ئىچىدىكى جەمئىي 65 پارچە، تەخمىنەن 660 مىڭ خەتلىك مۇھىم ھۆججەت كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسىدىن 26 پارچە، مەركەزدىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ماقالىسىدىن 17 پارچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار ھۆججىتىدىن 22 پارچىسى بار. 14 پارچە مۇھىم ھۆججەت تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

بۇ مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانمىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ بىر مەزگىلدىكى مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىغا ماسلىشىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشتىكى ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە ھەقىقىي خاتىرىلەندى؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەندىكى يېڭى تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى ئورنىتىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيەلىرى، چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرلىرى، قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ياراتقان يېڭى تەجرىبىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

«19- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانمىلار»نىڭ 1- قىسمىنىڭ نەشر قىلىنىشى پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.