شىنجاڭ بۇ يىل تۆت كۆمۈر كاننى تاقاپ چېكىندۈرۈشنى پىلانلىدى

日期:2019年08月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: (مۇخبىر ما شىن خەۋىرى) مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز تۆت كۆمۈر كاننى تاقاپ چېكىندۈرۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 440 مىڭ توننىغا يەتكەن.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ 2019-يىللىق كۆمۈرچىلىك ساھەسىدە ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، تاقالغان، چېكىندۈرۈلگەنكۆمۈر كانلارنىڭۋەزىپىسىنى بۆلۈپ بەردى. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئۈچ كۆمۈر كاننى تاقاپ ۋە چېكىندۈرگەن بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 290 مىڭ توننىغا يەتكەن؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى بىر كۆمۈر كاننى تاقاپ ۋە چېكىندۈرگەن بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 500 مىڭ توننىغا يەتكەن.

«لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ھەر قايسى كارخانىلار ئىش توختىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، ئۈسكۈنىلەرنى پېچەتلەش، چۇۋۇش، قۇدۇق كانىيىنى پېچەتلەش، كېنىشكىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن چېكىنىشۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

كۆمۈر كان تاقىلىپ چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن يەنە كاننىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتە ئومۇمىي مىقدار خاراكتېرلىك ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش، سىستېما خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشنى ئاساس قىلىپ، «مۇردا كارخانا»لارنى نۇقتىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىپ، ئۈنۈمسىز، تۆۋەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بازار بوشلۇقىنى ئېچىش كېرەك.