شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقى قۇرۇلدى

日期:2019年08月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزچېن چياڭۋېي) 7-ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. بۇ ئىتتىپاقنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 96 كارخانا ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان كارخانىلار ئۆزلىكىدىن قۇردى.

شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقى شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقى بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى سېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبىسى ئىتتىپاق رەئىس ئورۇن بولۇپ سايلاندى.

جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئۆز ئالدىغا ئاچقان «تىيەنيۈەن خۈەنگوۋ» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى نامراتلارنى يۆلەش-سېتىش سۇپىسى، دىئالوگلۇق تور تېلېۋىزىيەسى ۋە شىنجاڭ تېلېگرافى ئادەتتىن تاشقىرى سۈزۈك يان تېلېفون كۆرۈنمە چاستوتا ئابۇنىتلىرى كۆرۈنمە چاستوتا كىرىش ئېغىزىغا، يەرلىك يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپ ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى توپلاپ، ھازىر بار بولغان تېلېگراف ئابۇنىتلىرىنى«تىيەنيۈەن خۈەنگوۋ» قانىلىغا باشلاپ، توردىىكى زاكازنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ئېقىمىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

«بىز شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز، بۇ ئىتتىپاقنىڭ كارخانىلارنىڭ بىرىكمە كۈچىنى توپلاپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆمەك تەشكىللەپ، سىرتقا سېتىشنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرىنازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ساۋ شياڭ.