«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

日期:2019年08月16日
来源:人民网
【字体:

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 16-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «‹ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش›تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆز»ى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، جايلار، تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، غەيرەت قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭ قىلغانسېرى باتۇرلىشىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى: بىرىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ئىككىنچىدىن، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق» ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئۈچىنچىدىن، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى پات ئارىدا تاماملىنىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەك: بىرىنچى خىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان- ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەر؛ ئىككىنچى خىلى، خىزمەتتە يەنىمۇ ياخشىلاشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر؛ ئۈچىنچى خىلى، ئۇزاق مۇددەت تەدرىجىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم- كېچەكتىن غەم قىلماسلىقىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش − نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە يادرولۇق كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق» ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تا يەنە نۇرغۇن ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت. تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، لىنىيە خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر ۋە چارىلەرنى قوللىنىپ، ۋەزىپىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، خىزمەت ئۇسۇلى دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا مەزگىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن پەرقلىنىدۇ، ئەڭ مۇھىمى بوشاڭلىق قىلىش، ئارقىغا چېكىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچىدىن، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك.