شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

日期:2019年07月27日
来源:天山网
【字体:

7- ئاينىڭ 26- كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىنشى جىنپىڭ،لى كېچياڭ،ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىقلار بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ ئالدى زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ۋەكىللەر بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. 94 ياشلىق پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېڭىشىپ، ئىككى قولى بىلەن بوۋاينىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى ھەم ئۇنىڭدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت، قانۇن - نىزاملارنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېتىبار بېرىش - تەقدىرلەش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پائال تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن 401 نەمۇنىلىك ھەربىي، مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدىكى 91 نەمۇنىلىك ئورۇن ۋە مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدىكى 76 نەمۇنىلىك شەخس تەقدىرلەندى.

دىڭ شۆشياڭ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى مياۋ خۇا كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى.