شى جىنپىڭ 7- نۆۋەتلىك كۆپچى خەلقئارا قۇملۇق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2019年07月28日
来源:新疆日报
【字体:

7- نۆۋەتلىك كۆپچى خەلقئارا قۇملۇق مۇنبىرى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارى يۇرت - ماكانى بار. چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇلۇغۋار ئىش. خەلقئارا جەمئىيەت قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئەتكە ئىناقلىقنى، گۈزەللىكنى قايتۇرۇش ئارقىلىق خەلقنى بەختكە، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. كۆپچى قۇملۇقىنى تىزگىنلەش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىت ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش، 2030- يىل قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى جۇڭگو تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى 2030- يىل قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولدى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئۇلىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەش، ئاسراشنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل، پاكىز دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.