جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

مەمۇرلار قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك

日期:2019年07月30日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرلار قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ھەم ئۇنىڭ تەشكىلات (كادىرلار) تارماقلىرىنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك قاتتىق سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل بولغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، پاك - دۇرۇس مەمۇرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مەمۇرلار قوشۇنىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەمۇرلارنى تەربىيەلەشنىڭ باش ۋەزىپىسى، ئىمتىھان ئېلىش، سىناپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە باھالاپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم تەرىپى قىلىپ، سىياسىي ئۆلچەم ۋە سىياسىي تەلەپنى مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىڭدۈرۈپ، كەڭ مەمۇرلارنى سىياسىي جەھەتتىن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۈرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ مەنبە يولىنى كېڭەيتىپ، قوشۇن قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك؛ يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىدارى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ باھالاپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلھاملاندۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەمۇرلارغا بولغان ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى كۈچەپ تۈزىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش، تەكشۈرۈپ باھالاش، ۋەزىپە - ۋەزىپە دەرىجىسى بويىچە تەيىنلەش - قالدۇرۇش، ئۆستۈرۈش - چۈشۈرۈش، مۇكاپاتلاش، جازالاش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانۇن، قائىدىلەر بويىچە قاتتىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. توغرا يۆنىلىشتە رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلار ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش كېرەك.