مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2019年07月29日
来源:新疆日报
【字体:

2019- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىغا بايراق بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم تەلىمىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە، ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىدىيەسى، تۈزۈمى، ئىستىلىنى ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھ قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پاك - دۇرۇس، ئىستىلى ياخشى، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئىلمىي - مۇۋاپىق، قېلىپلاشقان - يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئادىل - ئاشكارا بولغان ئوت مۇداپىئەسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىسلاھاتىدا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىپ، تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى مەنبەدىن توسۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش؛ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، خەلققە قولايلىق يارىتىپ كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىۋېتىش»نى ئەڭ زور دەرىجىدە يولغا قويۇپ، ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك نامۇۋاپىق ئۆلچەم ۋە چەكلىمىلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، كىرگۈزۈشتە كەڭ، باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى بازارغا تولۇق بېرىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش؛ ئاشكارا - ئوچۇق، قېلىپلاشقان - تەرتىپلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجراسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجراسى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجراسى تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى ئوچۇق يۈرگۈزۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىسلاھاتىغا دائىر بەش جەھەتتىكى 12 تۈرلۈك ئاساسلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.