تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

日期:2019年07月26日
来源:新疆日报
【字体:

«ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە كۆيۈنۈشىمىز كېرەك، ئۇلار يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.»

2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە ئالايىتەن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، ئۇلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر ئېغىز سالام گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئېكراندىن ھالقىپ، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بىپايان زېمىنغا تارقىلىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن مىليونلىغان ھەربىينىڭ ئىسسىق قانلىرىنى ئۇرغۇتتى: باش شۇجى بىزنى ياد ئېتىدىكەن، بىزنىڭ غېمىمىزنى يەيدىكەن!

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ھەربىر ئىشنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇش، ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش

− «مەنمۇ بىر ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىر»

بىر خىل سالاھىيەت بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇلمايدۇ، بىر خىل رىشتە ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

6- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ھەم 2014- يىللىق ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنى كۆرۈپ ناھايىتى يېقىملىق ھېس قىلدىم، چۈنكى مەنمۇ بىر ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىر».

ئىللىق سۆز، چوڭقۇر كۆيۈنۈشكە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

دۆلىتىمىزدە ھازىر نەچچە ئون مىليون ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي بار، ئۇلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، تۈركۈم - تۈركۈملىگەن ھەربىيلەر يەرلىككە بېرىپ خىزمەت قىلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، زور تۈركۈمدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي يەرلىككە بېرىپ خىزمەت قىلىپ، ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئومۇمىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر ئەزىمەتلىرىگە ئايلىنىپ، كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، بىز ھەسسىلەپ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ھەسسىلەپ ئاسرىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

پېشقەدەم ئەسكەرلەر قانداق ئۆتۈۋاتقاندۇ؟ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆڭلىدىكىدەك بولغانمىدۇ؟ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتامدۇ - يوق؟ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەستىن چىقارمىدى.

2019- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىندە تەكشۈرۈشتە بولۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، خېپىڭ رايونى شىنشىڭ كوچىسى چاۋياڭلى مەھەللىسىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش پونكىتىغا كىرىپ، مەھەللىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى كونكرېت ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي سوراپ، يەنە بىر قېتىم ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، كۆيۈنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

2019- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدا ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يارىلانغان، كېسەل بولغان، مېيىپ بولغان ھەربىيلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ھەقىقىي ئىللىقلىقنى ھېس قىلدى: 4 مىليون ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، نەپىقە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يىلمۇيىل ئۆستۈرۈلدى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن قىسمەن ئەسكەرلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا داۋاملىق قاتناشتۇرۇلدى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى. ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: كەڭ ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلار پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋر چوڭ دولقۇنىغا پائال ماسلىشىپ، ھاياتىدىكى ئەسكەر بولغان تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىدا، ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا داۋاملىق قالتىس خىزمەت قىلىپ، ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

بۇ قايتا - قايتا تاپىلاش، كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر تەرىپىدىن «ئارمىيەدىن چېكىنسىمۇ خىسلىتىنى يوقاتماسلىق، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش» تىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇلدى. ئۇلار جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كىشىلىك ھاياتىنىڭ يېڭى يولىدا چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىدى.

خۇبېي سەپداشلار گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جيەنچياۋ ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىغاندىن كېيىن كۆكتات يەتكۈزۈشتىن ئىش باشلاپ، كارخانىنى تەدرىجىي چوڭايتىپ زورايتتى. 2009- يىلى، ئۇ مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىر بولۇپ باھالاندى. 2017- يىلى، ياڭ جيەنچياۋ تەكلىپ قىلىنغان ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان 20 كادىرنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

«ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە، قەلبىم چەكسىز ئىپتىخارلىققا تولىدۇ.» ياڭ جيەنچياۋ مۇنداق دېدى: «قىسىمدا، مەن ۋەتەننى قوغداشنىڭ تايانچى بولدۇم؛ يەرلىكتە، مەن مىللىي ئىگىلىكنىڭ تۈۋرۈكى بولىمەن».

تېخىمۇ كۆپ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ھەرقايسى سەپلەردە ئۆزلىرىنىڭ قالتىس سەھىپىلىرىنى پۈتۈپ چىقتى: جۇڭگو خاڭفا شېنياڭ لىمىڭ ئاۋىياتسىيە موتورى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى لى جىچياڭ تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرىدىغان چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنىگە ئايلاندى؛ گۇاڭجوۋ تاموژنىسى تۈرگە ئايرىش مەركىزىدىكى گەن لۇ ئارمىيەدىن تاموژنىغا ئالمىشىپ، نا ئۇستىدىن كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىپ، خەلقئارا تاموژنا باج ئىشلىرى مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى؛ جىنەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تازىلاش ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى جاڭ باۋگو پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تازىلاش بىلەن شۇغۇللانغان 20 يىلدا، ھايات - ماماتىغا پىسەنت قىلماي، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر شەھەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغداۋاتىدۇ...

ئەزىم دەريا ئاقتى شەرق تامان، يىللار ئۆتتى ئۈنسىز ھامان؛ ھەربىي فورمىنى سالساقمۇ گەرچە، ئۆزىمىزنى بېغىشلىدۇق يەرلىككە يەنە. ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق ئىسمى بار. ئۇ بولسىمۇ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر. مەيلى ئەينى يىلى ھەربىي فورما كىيىپ يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ۋەتەننى قوغدىغاندا بولسۇن ياكى ھازىر ھەربىي فورمىنى سېلىۋېتىپ ئارزۇسى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلغاندا بولسۇن، ئۇلار ھەمىشە قىسىمنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، قالتىس نەتىجىلىرى ئارقىلىق بۇ ئۇلۇغ دەۋرگە جاۋاب قايتۇردى، داھىينىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇردى.

ئىسلاھات كۆزلەندى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى

− «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش»

ئىسلاھاتنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ھەربىر ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدىكى ۋەزىپە - تەلىپىگە باشتىن - ئاخىر زىچ يانداشتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە تەدرىجىي ھالدا فۇنكسىيە گىرەلىشىپ كېتىش، سىياسەت تەڭپۇڭ بولماسلىق، بىردەك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى، شۇنداقلا سىياسەت ئارقىدا قېلىش، تۈزۈمدە «بوشلۇق قېلىش» قاتارلىق نۇقسانلارمۇ ساقلاندى. بەزى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇلار، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بوغما ھالەتكە ئايلاندى.

بۇ مەسىلىلەرنى قانداق يېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزملىق سىياسىيونلارغا خاس سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، نەزەرىيە جاسارىتى، ئاجايىپ قابىلىيىتى ۋە پۈتۈن ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئەجەللىك يەرگە تەگكۈزدى.

ئىسلاھات ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەم چوقۇم بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىغا ئايلاندى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پىلانلىغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئەسلىسەك، ئۇنىڭ تومۇر سوقۇشى ئىنتايىن ئېنىق بولدى −

2015- يىلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلەت قاتلىمىدا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش - كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى سىستېمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.» 2016- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىدە، ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ھۆججىتىگە قاراپ چىقىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ چىقىش يولى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا».

ئىسلاھاتنى ھەممىدىن ئاۋۋال تەشكىلىي ئاپپاراتلاردىن باشلاپ يولغا قويۇش كېرەك. ئىسلاھاتتا قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىپ، تەشكىللەپ، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇشتنى چىڭ تۈگۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

2017- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى، ھەيۋەتلىك خەلق سارىيىدا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دوكلاتىدا: ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش - كاپالەتلەندۈرۈش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش كېرەك، دەپ جاكارلىدى. 2018- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىنتايىن جاراڭلىق بولدى: «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش - كاپالەتلەندۈرۈش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ياخشى ئىشنى ياخشى ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك.» 2018- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنى تەشكىللەپ قۇرۇش رەسمىي تەستىقلاندى.

بىر ئايدىن كېيىن، 2018- يىلى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. ئارقىدىنلا، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى سىستېمىسى ئىسلاھاتى پەلەمپەيسىمان داۋاملىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، 2019- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەتتە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى، ئىدارىلىرىنىڭ ھەممىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئاپپاراتلىرى ۋە مۇلازىمەت مەركىزى (پونكىتى) چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ھەم «ئاپپارات بولۇش،ئىشتات بولۇش، خادىم بولۇش، خىراجەت بولۇش، كاپالەت بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش تېز ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، توغرا يۆنىلىشتە چەتكىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە بولغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنى تەشكىللەپ قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ لايىھەلىگەن، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ تۈرتكە بولغان چوڭ ئىستراتېگىيە، چوڭ سىزما؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك قەدەمگە ئەگىشىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ياخشى ئىشلەندى

− «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇش كېرەك»

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى كىم ئىشلەيدۇ؟ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ قانداق قىلىدۇ؟

بۇ مەسىلىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ نىشانى ۋە يۆنىلىشىگە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە دائىر تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

«ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى <ئىككى 100 يىل>لىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ.» − يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ بەردى.

«ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش - كاپالەتلەندۈرۈش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.» − يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

«ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق ئىشلىتىش، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھەر كىم ئۆز ئورنىنى تېپىش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش - كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتى ۋە سىياسەت، تۈزۈملەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەتنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، نىزاملارنى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.» − يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ فاڭجېن، پىرىنسىپىنى بېكىتىپ بەردى.

«دۆلەت قاتلىمىدا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش - كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى ۋە ئالاقىدار سىياسەت، تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.» − يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

......

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى بۇ مۇھىم بايانلىرى، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مەسىلىسىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، قۇرۇلۇشقا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان روھ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگراممىنى تۇرغۇزۇپ بەردى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يول باشلاپ رولچى بولۇشىدا، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى سىستېمىسى يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقتى، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، بىر نىيەتتە كۈچ چىقاردى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، قان - تەر مۇجەسسەملەنگەن بىر پارچە نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى:

− كۆپ تۈرلۈك سىياسەتلەر كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ بېرىش، تاپشۇرۇۋېلىش، باشقۇرۇش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە 12 سىياسەت، ھۆججەت ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كېيىنكى قەدەمدە يەنە بىر يۈرۈش سىياسەت، ھۆججەتلەر چىڭ تۇتۇپ تۈزۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

− ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى. 2018- يىلى، ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان 82 مىڭ كادىرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى تاماملاندى، جەمئىي 400 مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەر قوبۇل قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 40 مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، 123 مەركەز كارخانىسىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 9600دىن ئارتۇق ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا چىققان كادىر ۋە پېنسىيەگە چىققان شىگۇەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، نورمىدىن %30.4 ئاشۇرۇپ تاماملاندى.

− ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى 12 تارماق بىرلىشىپ «يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. 2018- يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار جەمئىي 1400 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى تەشكىللەپ، 600 نەچچە مىڭدىن كۆپرەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

− مۇلازىمەتنى كاپالەتلەندۈرۈش نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. نۇقتىلىق نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ۋاقتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگە تەڭشەلدى، ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى %10 بولدى. كۆپلىگەن بانكىلار بىلەن ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، غەمخورلۇق قىلىش - نەپىقە بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئائىلىسىگە 39 مىليون 580 مىڭ دانە شەرەپ تاختىسى ئېسىلدى. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە باشقا غەمخورلۇق قىلىش - نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ قانات يايدۇرۇلدى، ھازىرغىچە 39 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئۇچۇرى توپلاندى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

......

كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەلكەننى ئېگىز چىقىرىپ، دولقۇن يېرىپ يىراققا سەپەر قىلىدۇ.

ھۆرمەتلەش، غەمخورلۇق قىلىشتىن مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلە شەرەپ ھېس قىلدى

− «ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك»

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، سەنشىدىكى بىر چەت، يىراق تاغلىق رايون. سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان ۋاڭ نىڭ ئانىسىدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالغاندا، ئانىسىدىن يېزىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىگە شەرەپ تاختىسى ئاسقانلىقىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ نىڭ دەرھال قولىدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ ئۆيىگە ماڭدى، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشكەنىدى. ئۇ ئاي يورۇقىدا ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان شەرەپ تاختىسىنى كۆرۈپ ئۆزىنى باسالماي يىغلاپ كەتتى. ئۇ بىر پارچە تەشەككۈر خېتىدە مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى چوڭقۇر بىلدىمكى، شەرەپ تاختىسى پەقەت بىر پارچە ئادەتتىكى تاختىلا بولماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە بەرگەن ئەڭ ئالىي شان - شەرىپى ۋە چەكسىز غەمخورلۇقى!»

كىچىككىنە شەرەپ تاختىسىنىڭ سالمىقى زور. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئورنى ناھايىتى يۇقىرى، ئىنتايىن ئالاھىدە.

95 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ فۇچىڭ سابىق غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ بىر جەڭچىسى بولۇپ، ئازادلىق ئۇرۇشىدا يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئارىسىدا مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپلىك ھالدا ئۈچ قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، بىر قېتىم 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى تەرىپىدىن «ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن» دەپ ئەنگە ئېلىنغان، ئىككى قېتىم «كۈرەش قەھرىمانى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 1955- يىلى كەسىپ ئالماشتۇرغاندا، ئۇ تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ چەت ياقىسىغا جايلاشقان لەيفېڭ ناھىيەسىگە بېرىپ خىزمەت قىلىپ، نامرات تاغلىق رايوندا بىر ئۆمۈر ئىشلىگەن. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جاڭ فۇچىڭ نام - تۆھپىسىنى يوشۇرغان، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۇچۇرىنى توپلىغاندا، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى بايقىلىپ، ئىلگىرىكى بۇ قەھرىمانلىق ئىشلار ئاندىن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايان بولغان.

يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئۆمۈر بويى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىگەن، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇ قىسىمدىكى ۋاقتىدا يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغدىدى؛ يەرلىككە ئالماشقاندىن كېيىن، ئۇ خەلققە بەخت ياراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي - ساددىلىقى، ساپلىقى، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىقى بىلەن قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى، قىسىمدىكى كەڭ كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋرنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

2019- يىلى 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى يولداش جاڭ فۇچىڭغا «دەۋر نەمۇنىچىسى» دەپ نام بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە بىردىنلا ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىدى.

ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن قەھرىمانلار - قۇربانلار، قان كېچىپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان قەھرىمانلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت قەلبىدە ياد ئىتىپ تۇردى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر ئۈمىدۋار مىللەتتە قەھرىمان بولمىسا بولمايدۇ، بىر ئىستىقباللىق دۆلەتتە ئاۋانگارت بولمىسا بولمايدۇ».

2015- يىلى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 30 ۋەكىلگە خاتىرە ئوردېنى تارقاتتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان سۆزلىرى يىغىن مەيدانىدا ياڭرىدى: «بىز جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق قەھرىمانلارنى ئەستە تۇتۇشىمىز، قەھرىمانلارنى قەدىرلىشىمىز، قەھرىمانلارنى قوغدىشىمىز، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىشىمىز، قەھرىمانلارغا كۆيۈنۈشىمىز، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، دۆلەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەھرىمانلار - قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنىنى، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىنى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىنى بېكىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە ھەربىر خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان كۈنلەردە تارىخنى ئورتاق ئەستە چىڭ ساقلاتقۇزدى، قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ياد ئەتكۈزدى.

گەنسۇ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ دۇڭفېڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، شەندۇڭ لىنيى خۇادۇڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، خۇەيخەي جېڭى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى، شەنشى - سۇييۈەن چېگرا رايونى ئىنقىلاب خاتىرە سارىيى قاتارلىق جايلاردا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ياد ئەتكەندىكى ئاياغ ئىزلىرى قالدى. 2013- يىلى 3- ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ تانزانىيەدىكى تانزانىيەگە ياردەم بەرگەن جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر قەبرىستانلىقىدا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتكەندە مۇنداق بېغىشلىما يازدى: «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھى كېيىنكىلەرگە مەڭگۈ ئىلھام بېرىدۇ، جۇڭگو - تانزانىيە دوستلۇقى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.» 2019- يىلى 6- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، مەخسۇس جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى يوقلاپ، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنى ياد ئەتتى ھەم بېغىشلىما دەپتىرىگە مۇنداق بېغىشلىما يازدى: «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتەيلى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە غەمخورلۇق قىلىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 1991- يىلى 1- ئايدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 1- قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى يىغىنى فۇجوۋدا ئېچىلدى، ئەينى چاغدا فۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان يولداش شى جىنپىڭ «ئارمىيە - خەلق مۇھەببىتى . چىلۈ» ناملىق شېئىرنى يازدى:

«بۇلۇتلار توختاپ ئىزىدا سۈزۈلدۈردى يۇيۇپ بوشلۇقنى،

فۇجيەننىڭ تاغ - دەريالىرىنى كىرگۈزدى گۈزەل تۈسكە.

مېيخۇا گۈلى ئېچىلىپتۇ زەپ چىرايلىق سېرىق تۈستە،

مىڭ يىللىق ئەنجۈر دەرىخىمۇ سۈرۈپتۇ يېڭى بىخ شۇنچە.

قىشتىكى مەيىن شامال يەتكۈزگەچكە ئىللىقلىق،

دۇڭخەيگە بولغان مېھرىم ئۇرغۇدى چەكسىز شۇنچە.

قىزىدى بۇندا ئىككىنى ھىمايە قىلىش كاتتا بايرىمى،

سۆيگەچكە چىن قەلبىدىن ئارمىيە - خەلق بىر - بىرىنى.»

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ مەڭگۈ بارلىق قىيىنچىلىقلار، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىمىزدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرىمىزدۇر».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە بولغاندىلا، بىز چوقۇم «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەكنى ئورتاق بەرپا قىلالايمىز.

بۇ سەمىمىي سۆزلەرگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ھۆرمەتلەش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە كۆيۈنۈش كەيپىياتىنى قوزغاپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى، شەرەپ ھېس قىلدى. پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە «ئەڭ گۈزەل ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر»نى باھالاش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ئائىت ئىلغار تىپلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەر ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە تارقىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە بولغان تونۇش ۋە ھېسسىيات يەنە بىر قاتلام چوڭقۇرلاشتى...

ئون مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەردە، ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمى ئاستا - ئاستا ئېچىلماقتا...