«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» نەشر قىلىپ تارقىتىلدى

日期:2019年06月10日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسىشى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تېزىس» دېيىلىدۇ) ناملىق كىتابنى تەشكىللەپ تۈزدى، ئۆگىنىش نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

«تېزىس» جەمئىي 21 باب، 99 تارماق، 200 ماددا بولۇپ، 150 مىڭ خەتكە يېقىن. كىتابتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە ۋە دۆلەت جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە دېگەن بۇ باش تېما زىچ چۆرىدىلىپ، «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ۋە «14تە چىڭ تۇرۇش» يادرولۇق مەزمۇن ۋە مۇھىم ئاساس قىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، ئىگىلىشىگە، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا كاللىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىغا پايدىلىق. «تېزىس»نىڭ مەزمۇنى مول، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، رەتلىك بولۇپ، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق بولۇنغان، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جانلىق، پۇختا، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆگىنىش ماتېرىيالى، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم ياردەمچى ئوقۇشلۇق.