شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسىتاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 6- ئاينىڭ 9- كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە قىرغىز جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى راخماننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.