دۆلىتىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنى كەسىپلەشتۈرۈش نىسبىتى %39.6كە يەتتى

日期:2024年04月23日
来源:天山网
【字体:

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2023- يىللىق جۇڭگو پاتېنت تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنى كەسىپلەشتۈرۈش نىسبىتى %39.6كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2.9 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، ئۇدا بەش يىل مۇقىم ئاشقان.

يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنى كەسىپلەشتۈرۈش نىسبىتى %51.3كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك كارخانىلار ۋە ئۇششاق كارخانىلارنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنى كەسىپلەشتۈرۈش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %53.9 ۋە %33.8كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 8.6 ۋە 11.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى