ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قۇرۇپ چىقايلى

日期:2024年04月23日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن شاۋلۇڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، 2024 - يىلى 4 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

ئىنتىزام پارتىيەنىڭ جان تومۇرى، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، ئىنتىزام - قائىدىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بارغانسېرى قاتتىق تۇتىدىغان، ئارقىغا بارغانسېرى ئىنتىزامنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان كۈچلۈك سىگنالنى تولۇق قويۇپ بەردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

پارتىيەمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچنى زىممىگە ئالغان، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىشلارغا يول ئاچماقتا، پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىقنى بىلىپ، قىل دېگەننى قىلىش، قىلما دېگەننى قىلماي، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك نىزام. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قائىدىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نىزامنىڭ مەزمۇنىنى ئەينەن ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى قەلبكە پۈكۈپ، ئىچكى جەھەتتە سۆز - ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تىپىك دېلو مىساللىرى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەر، ئەتراپتىكى ئىشلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سەگەك بولىدىغان، تۆۋەن چەكنى بىلىدىغان، ئەيمىنىشنى بىلىدىغان قىلىپ، بىر دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، بىر تۈركۈمگە ئىبرەت بېرىش، بىر دائىرىنى تەربىيەلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىنتىزام تەربىيەسى ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇش، جەزمەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇلاتتەك ئىنتىزامنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ۋە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان قوللانمىسىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)