گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆتكۈزگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، «كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى»گە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. بۇ سىياسەت ھەم كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدۇ، ھەم خەلققە پايدىلىق بولۇپ، كارخانىلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
مەزمۇننى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ